چاۋۇشئوغلۇ سەئۇدى ئەرەبىستان مۇپەتتىشىنىڭ قاشىقجى ھەققىدىكى بايانلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە سەئۇدى ئەرەبىستان باش مۇپەتتىش مەھكىمىسىنىڭ جەمال قاشىقجى جىنايىتى ھەققىدىكى باياناتلىرىنىڭ قايىل قىلارلىق بولمىغانلىقىنى ئېيتتى.

1088685
چاۋۇشئوغلۇ سەئۇدى ئەرەبىستان مۇپەتتىشىنىڭ قاشىقجى ھەققىدىكى بايانلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئانتاليانىڭ ئالانيا ناھىيەسىدە زىيارەتتە بۇلۇۋاتقان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ژۇرنالىست جەمال قاشىقجىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىدا ئۆلتۈرۈلۈش دېلوسىنىڭ تەكشۈرۈلىشىگە ئالاقىدار سەئۇدى ئەرەبىستان باش تەپتىش مەھكىسىمى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتلار ئۈستىدە توختالدى.  

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ: «باش مۇپەتتىش بايانات ئېلان قىلىشتىن ئىلگىرى سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئادىل ئەل جۇبەير ماڭا تېلېفون قىلدى. يېرىم سائەتتىن كېيىن باش مۇپەتتىشنىڭ مەزكۇر باياناتنى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى ماڭا ئالدىن بىلدۈردى» دېدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان باش مۇپەتتىشىنىڭ باياناتلىرىنىڭ قايىل قىلارلىق بولمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ: «جەمال قاشىقجىنىڭ جەسىتى قەيەردە؟، بۇيرۇق چۈشۈرگەنلەر ۋە جىنايەتكە يۈزلەندۈرگەنلەرنىڭمۇ ئوتتۇرىغا چىقىرىلىشى لازىم. بۇ دېلو بۇنداقلا يېپىلماسلىقى كېرەك. مەن بۇ ئىشنى تەقىپ قىلىشنى توختاتمايمەن» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ: «ھازىرچە 11 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى چۈشىنىمىز. بۇنىڭدىن ئىلگىرى 18 كىشى قولغا ئېلىنغان ئىدى. 11 كىشىدىن 5 كىشى ھەققىدە ئۆلۈم جازاسى تەلەپ قىلىنماقتا. قالغان كىشىلەر نېمە ئۈچۈن قويۇپ بېرىلدى؟ قاشىقجى دۆلىتىگە ئېلىپ كېتىلىشىگە قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى تىلغا ئېلىنماقتا. ۋەھالەنكى ئالدىن پىلانلانغان جىنايەت ئىدى. جەسىتىنىڭ پارچىلىنىشى، شۇ چاغقا مۇناسىۋەتلىك ئىش ئەمەس. ئۆلتۈرۈپ پارچىلاش ئۈچۈن كېرەكلىك ئەسلىھەلەر بۇ يەرگە (يەنى كونسۇلخانىغا) ئالدىن ئېلىپ كېلىنگەن ئىدى» دېدى.

جەمال قاشىقچى 2ئۆكتەبىردە توي رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىغا كىرگىنىدە، جىنايەتنىڭ قوربانى بولغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر