تۈركىيە ئارمىيەسى شىمالىي ئىراقتا نۇرغۇن تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى
تۈركىيە ئارمىيەسى شىمالىي ئىراقتىكى گارا، زاپ ۋە ئاۋاشىن – باسيان رايونلىرىدا ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك لىق 15 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى.
1085315
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش ئىشتاب باشقارمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ شىمالىي ئىراقتىكى گارا، زاپ ۋە ئاۋاشىن – باسيان رايونلىرىدا ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئائىت پاناھ جايلار ۋە ئوق - دورا ئىسكىلاتلىرى بىتچىت قىلىنغان، تۈركىيە قىسىملىرىنىڭ بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان 15 تېررورچى بىر تەرەپ قىلغان.