چاۋۇشئوغلۇ: ئىراننى چەتكە قېقىش خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئىراننى چەتكە قېقىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خەۋپلەرگە ئىشارەت قىلدى.

1082674
چاۋۇشئوغلۇ: ئىراننى چەتكە قېقىش خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيودىكى رەسمىي ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە دۆلەتلىك مەتبۇئات كۇلۇبىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى؛ ئۇ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىرانغا يۈرگۈزگەن ئېمبارگولىرى توغرىسىدا توختىلىپ، بۇ دۆلەتنى يالغۇز قالدۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خەۋپلەرنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى ۋە ئىراننى جازالاشنىڭ ئىران خەلقىگە قىلىنغان ناھەقچىلىك بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيەنىڭ پىرىنسىپ جەھەتتىن ئېمبارگولارغا قارشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن چاۋۇشئوغلۇ، «ئېمبارگو يولى بىلەن ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنىغا ئىشىنىمىز. ئېمبارگولارنىڭ ئورنىغا دىيالوگ ۋە كېلىشىم يولىنى تاللاش تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ» دېدى.

چاۋۇشئوغلۇ توكيودىكى ئۇچرىشىشلىرىدا، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ياپونىيەدىكى پائالىيەتلىرىنىڭمۇ كۈنتەرتىپكە كەلگەنلىكىنى ئېيتتى ۋە بۇ جەھەتتە كەڭ دائىرىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا ئېھتىياج بارلىقىنى ياپون ئەمەلدارلارغا يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ زىيارىتى دائىرىسىدە كېڭەش مەجلىسى باشلىقى داتې چۇئىچىنىمۇ زىيارەت قىلدى؛ چۇئىچى ئۇچرىشىشتا، سۈرىيەدە 3 يىل گۆرۈدە تۇتۇلغاندىن كېيىن تۈركىيەنىڭ تىرىشچانلىقى سايىسىدا قويۇل بېرىلگەن ياپون ژۇرنالىست جۇمپېئى ياسۇدانى ئەسلىتىپ ئۆتتى ۋە بۇ جەھەتتىكى ياردەملىرى ئۈچۈن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر