تۈركىيە تېررورچىلارغا تىنىمسىز زەربە بەرمەكتە

تۈركىيە ئارمىيەسى، ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان قاندىل، ئاۋاشىن، گارا ۋە مەتىنا رايونلىرىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، 23 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى.

1079457
تۈركىيە تېررورچىلارغا تىنىمسىز زەربە بەرمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ، شىمالىي ئىراقنىڭ قاندىل، ئاۋاشىن، گارا ۋە مەتىنا رايونلىرىدا بۈگۈن ئېلىپ بېرىلغان ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ پاناھلىنىش ئورۇنلىرى ۋە ئوق – دورا ئىسكىلاتلىرىنىڭ يوقىتىپ تاشلانغانلىقىنى، ھەربىي بازىلارغا ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان 23 قوراللىق تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر