بۈگۈن ئىستانبۇل يېڭى ئايرودۇرۇمى ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ

ئىستانبۇل يېڭى ئايرودۇرۇمىنىڭ تۇنجى ھاۋا قاتنىشى، « جۇمھۇرىيەت بايرىمى» نى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن بۈگۈن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ.

1077530
بۈگۈن ئىستانبۇل يېڭى ئايرودۇرۇمى ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دەسلەپكى ھاۋا قاتنىشى خىزمىتى ئۈچۈن 6 مىليارد ياۋرلۇق مەبلەغ سېلىنغان 76.6 مىليون كىۋادرات مېتىرلىق ساھەدە قۇرۇلغان ئايرودۇرۇمنىڭ  باشقا ساھەلىرىدىكى خىزمەت باسقۇچلىرىمۇ يولۇچىلار سانىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، 2023 – يىلغىچە تاماملىنىدۇ. ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشى تولۇق تاماملانغان چاغدا،  6 مۇستەقىل قونۇش ئورنى، 500 ئايروپىلان سىغىش ئىقتدارى، 70 مىڭ ئاپتوموبىل سىغىدىغان ئۈستى ئوچۇق ۋە ئۈستى يېپىق ئاپتوموبىل توخرتىتىش مەيدانى ۋە يىللىق 200 مىليون يولۇچىغا ساھىبخانىلىق قىلىش ئىقتىدارى بىلەن، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئايرودۇرۇم بولىدۇ.

ئېچىلىش مۇراسىمىغا كۆپ ساندا چەت ئەللىك مېھمانلارنىڭ قاتنىشىشى كۈتۈلۈۋاتقان ئايرودۇرۇمنىڭ تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئىچكى لىنىيەلىرىدە 31 – ئۆكتەبىر كۈنى ئەنقەرەگە، 1 – نويابىر كۈنى ئانتالياغا، 2 – نويابىر كۈنى ئىزمىرغا دەسلەپكى ئۇچۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. تۇنجى چەت ئەل ئۇچۇش خىزمىتى بولسا، 1 – نويابىر كۈنى شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە، 8 – نويابىر كۈنى ئەزەربەيجانغا قارىتا ئىشقا ئاشۇرلۇىدۇ. ئايرودۇرۇمدىن  يىل ئاخىرغىچە 2 مىڭ ئايروپىلان قوزغىلىپ، قونالايدۇ، 350 تىن ئارتۇق نۇقتىغا ئۇچۇش تاماملىنىدۇ.

250 ھاۋا يوللىرى شىركىتىگە مۇلازىمەت قىلىدىغان ئايرودۇرۇمدا، بىخەتەرلىكنى ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەدە ۋە ئىلغار تېخنولوگىيەلەر ئارقىلىق قوغداش ئۈچۈن تۇنجى قېتىم رادارلار ئىشلىتىلىدۇ.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر