تۈركىيە ئىراقنىڭ يېڭى ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىراقنىڭ يېڭى ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1075954
تۈركىيە ئىراقنىڭ يېڭى ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي، تۈركىيەنىڭ ئىراقنىڭ ھۇزۇر، تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىشى، قايتىدىن گۈللىنىشى مەسىلىلىرىدە پارلامېنتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن يېڭى ھۆكۈمەت بىلەن ھەمكارلىشىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىراقتا يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ پارلامېنتنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتۈشىگە ئالاقىدار تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا قارىتىلغان بىر سوئالغا يازما جاۋاپ قايتۇرغان ئاقوي، ئىراقتا 12 – ماي كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلاملىرى نەتىجىسىدە ھۆكۈمەت تەشكىل قىلىشقا مەسئۇل قىلىنغان ئادىل ئابدۇلمەھدى تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئىچكى كابېنتتىكى 14 مىنىستىرنىڭ پارلامېنتنىڭ ماقۇللۇشىدىن ئۆۈشىدىن كېيىن ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىغان ئىراقنىڭ يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئىراق خەلقى ئۈچۈن خەيرلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىنقى يىللاردا ناھايىتى كۆپ دەرد – ئەلەملەرنى تارتقان ۋە قىيىن ئۆتكەللەرگە دۇچ كەلگەن ئىراق خەلقىنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇ دائىرىدە، ئىراق خەلقىنىڭ ھەممىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدىغان ئىجرائاتلىرىنىڭ ئىراقنىڭ سىياسىي بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنىڭ قوغدىلىشىدا، ھەمدە مۇقىملىقنىڭ ئىزچىل ساقلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. ئىراق مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ تېخىچە پارلامېنتنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتمىگەن ئەزالىرىنىڭمۇ  بۇ ئاڭنى چىقىش قىلغان ھالدا ئېنىقلاپ چىقىلىشىغا تىلەكداشمىز. قىسقىس، تۈركىيە ئىراقنىڭ ھۇزۇر، تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىشى، قايتىدىن گۈللىنىشى مەسىلىلىرىدە پارلامېنتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن يېڭى ھۆكۈمەت بىلەن ھەمكارلىشىشقا تەييار.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر