جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1072302
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈنۈگۈن كەچتە ئىشقا ئاشۇرۇلغان تېلېفون سۆھبىتىدە، يوقاپ كەتكەن سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جامال قاشىقچى مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان.

ئىككى رەھبەر، جامال قاشىقچىنىڭ ئاقىۋىتىنى ئېنىقلاپ چىقىش مەقسىتىدە باشلانغان تەكشۈرۈشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىشى ئۈچۈن، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ زىچ ھەمكارلىشىشنى داۋاملاشتۇرۇشىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشكەن.

ئۇچرىشىشتا يەنە، ئىككى رەھبەر تۈركىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندا داۋاملىشىۋاتقان تەكشۈرۈشلەرنىڭ  تەرەققىياتى ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغان.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز بۇ ھەقتە ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى كەچتىمۇ تېلېفوندا كۆرۈشكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر