چاۋۇشئوغلۇ بىلەن پومپېيو ئەنقەرە ئەسەنبوغا ئايرودۇرۇمىدا كۆرۈشتى

چاۋۇشئوغلۇ 2-ئۆكتەبىر سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىغا كىرگەندىن كېيىن يوقاپ كەتكەن ژۇرنالىست جەمال كاشىكچى ۋەقەسى توغرىسىدا مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئەنقەرەگە يېيىپ كەلگەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو بىلەن كۆرۈشتى.

1070619
چاۋۇشئوغلۇ بىلەن پومپېيو ئەنقەرە ئەسەنبوغا ئايرودۇرۇمىدا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇغئوغلۇ بىلەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئەسەنبوغا ئايرودۇرۇمىدا كۆرۈشتى. ئىككى مىنىستىرنىڭ كۆرۈشۈشى تەخمىنەن 40 مىنۇت داۋام قىلدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بىلەن كۆرۈشۈشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال كاشىكچى ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش دائىرەسىدە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانا تۇرالغۇلىرىنىڭمۇ ئاختۇرۇلىدىغانلىقى ئۈستىدە توختالدى. ئۇ: «ناھايىتى ئەپسۇس تۈنۈگۈن (16-ئۆكتەبىر) كەچتە كونسۇلخانا تۇرالغۇلىرىنى تەكشۈرۈش مۇمكىن بولمىدى. سەئۇدىيلىق خادىملار خادىملىرى باش كونسۇلنىڭ ئۆيىنىڭ كونسۇلخانا ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. بۈگۈن (17-ئۆكتەبىر) باش كونسۇلنىڭ ئۆيىنىڭ ئاختۇرۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

ئۇ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ پومپېيو بىلەن كۆرۈشكەندە سۈرىيەنىڭ مۇنبىچ رايونى ئۈچۈن ئۇنىڭغا: «سىلەرنىڭ قىيىنچىلىقلىرىڭلار بولسا، تېررورىستلارنى بىز تازىلايمىز» دېگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىتىلغا ئېلىپ: «ئېمبارگولار قالايمىقان نەرسىلەرتى. ئەمدى مۇناسىۋەتلىرىمىزدە ئېمبارگو يالى ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئىشلارنىڭ بولماسلىقى مەسىلىسىدە پىكرىمىز ئوخشاش» دېدى.

كۆرۈشۈشتىن كېيىن، مايك پومپېيو ۋە ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت تۈركىيەدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر