تۈركىيە يەمەن ھۆكۈمىتىنى ئىزچىل قوللاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە يەمەندىكى قانۇنلۇق ھۆكۈمەتنى ئىزچىل قوللاۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

1067549
تۈركىيە يەمەن ھۆكۈمىتىنى ئىزچىل قوللاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  يەمەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەسلىھەتچىسى مەنسۇر بەججاش بىلەن بىر يەرگە جەم بولغان تۈركىيەنىڭ سانا باش ئەلچىسى لەۋەنت ئەلەر، ئەنقەرەنىڭ يەمەندىكى قانۇنلۇق ھۆكۈمەتنى ئىزچىل قوللاۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

يەمەن خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادتا ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇچرىشىشتا، تۈركىيەنىڭ سانا باش ئەلچىسى ئەلەر، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قوللىشى ئاستىدا سېنتەبىر ئېيىدا جەنۋەدە ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى پىلانلانغان ئۇچرىشىشلاردا، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ، ھۇسىي ھەيئىتىنىڭ كېتىشىنى ئاخىرغىچە كۈتۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە يەمەن ھۆكۈمىتىنىڭ تىنچلىق مەسىلىسىدىكى تەلەپلىرىنى يەتكۈزگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

يەمەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەسلىھەتچىسى مەنسۇر بەججاش بولسا، داۋاملىق يەمەنگە ياردەم بېرىۋاتقان، قانۇنلۇق ھۆكۈمەتنى ئىزچىل قوللاۋاتقان ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىۋاتقان تۈركىيەنى ماختىغان ھەمدە رەھمەت ئېيتقان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قانۇنلۇق ھۆكۈمەتنىڭ تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش، پۈتكۈل يەمەن خەلقىگە قارىتا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش دائىرىسىدە يەمەن خەلقى تارتىۋاتقان ئازاب – ئوقۇبەتلەرنى يېنىكلىتىش ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكىنى تەكىتلىگەن، شۇنداقلا، جەنۋەدە چاقىرىلىشى پىلانلانغان ئۇچرىشىشلارغا ھۆكۈمەت ھەيئىتىنىڭ قاتنىشىشىنىڭ، يەمەن ھۆكۈمىتىنىڭ تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكىنىڭ نامايەندىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان، ھەمدە ھۇسىيلارنىڭ ئۇچرىشىشلارغا قاتنشىىشنىڭ ئورنىغا، ئۇرۇش ۋە ئىنسانلارغا زۇلۇم سېلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «بۇ، ھۇسىيلارنىڭ  ئىراننىڭ تاشقى سىياسەت پىلانىغا ئاساسەن ھەرىكەت قىلىپ، ئىنساىي پالاكەتلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلغان ھالدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنىڭ ئەڭ روشەن نامايەندىسىدۇر.»

ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە 6 – سېنتەبىر كۈنى ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى پىلانلانغان «يەمەن» تېمىلىق كېڭەش يىغىنلىرى ھۇسىيلارنىڭ قاتناشماسلىقى سەۋەبىدىن مۇۋەپپەقىيەتسىزلىك بىلەن نەتىجىلەنگەنىدى.

ھۇسىيلار بولسا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ  ھەيئەتنى ئېلىپ بارىدىغان  ئايروپىلان ئۈچۈن رۇخسەت ئالالماسلىقى تۈپەيلى يىغىنلارغا قاتنىشالمىغانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر