تۈركىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان يوقاپ كەتكەن ژۇرنالىست ۋەقەسىنى بىرلىكتە ئېنىقلاپ چىقىدۇ

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ژۇرنالىست قاشىقچى ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن تۈركىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئورتاق خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىل قىلىش توغرۇلۇق قارارچىقىرىلغانلىقىنى ئېيتتى.

1067400
تۈركىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان يوقاپ كەتكەن ژۇرنالىست ۋەقەسىنى بىرلىكتە ئېنىقلاپ چىقىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قالىن  2 – ئۆكتەبىر كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلخانىسىغا كىرگەندىن كېيىن يوقاپ كەتكەن  ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا چىقىدىغان «‹ Washington Post › گېزىتى» نىڭ يازغۇچىسى جامال قاشىقچى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «تۈركىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق دائىرىسىدە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جامال قاشىقچى ۋەقەسىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ چىقىش مەقسىتىدە ئورتاق خىزمەت ئىشلەش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ چىقىش قارارلاشتۇرۇلدى.»

سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى ئىلگىرىمۇ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلخانىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىشىغا رۇخسەت قىلغانىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئىسلاھاتچىلارغا نىسبەتەن مۇھىم مۇنبەر ھېسابلىنىدىغان «‹ۋەتەن› گېزىتى» گە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان ھەمدە غەرب تاراتقۇلىرىدا ئوتتۇرا شەرق رايونىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلىرى بىلەن تونۇلغان جامال قاشىقچى، 2 – ئۆكتەبىر كۈنى رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلخانىسىغا كىرگەندىن كېيىن يوقاپ كەتكەنىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلخانىسىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، 4 – ئۆكتەبىر كۈنى ئېلان قىلىنغان باياناتتا، سەئۇدى ئەرەبىستان پۇقراسى جامال قاشىقچىنىڭ باش كونسۇلخانىدىن چىققاندىن كېيىن يوقاپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.

ۋەقەدىن كېيىن، ئىستانبۇل جمھۇرىيەت باش تەپتىش مەھكىمىسى جامال قاشىقچىنىڭ ئاقىۋىتىنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر