يىلدىرىم ئاتالمىش «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەۋالىرىغا جاۋاب بەردى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى  بىنالى يىلدىرىم ئەرمېنىيەنىڭ پەلىپەتىش دەۋالارنى توقۇپ چىقىرىشقا خاتىمە بېرىشى لازىملىقىنى ئېيتتى.

1066093
يىلدىرىم ئاتالمىش «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەۋالىرىغا جاۋاب بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  يىلدىرىم ئانتاليادا چاقىرىلغان «ياۋروئاسىيادا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق، مۇھىت ئاسراش ۋە سىجىل تەرەققىيات» تېمىلىق ياۋروئاسىيا ئەللىرى پارلامېنت باشلىقلىرىنىڭ 3 – نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ يېپىلىشىدا قىلغان سۆزىدە، يىغىندا ناھايىتى مۇھىم پىكىر – تەلەپلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى، ناھايىتى ياخشى باياننامە ھازىرلانغانلىقىنى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا بىرقاتار تۆھمەتلەرنى توقۇپ چىقىشىنىڭ يىغىننىڭ نىشانىغا ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى، جۈملىدىن ئەرمېنىيە ۋەكىلىنىڭ يىغىندا بەزى پەلىپەتىش دەۋالارنى ئوتتۇرىغا تاشلىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «يىغىندا،  يەر شارى خاراكتېرلىك كىرىزىسلەرگە چارە ئىزدىدۇق، رايوندا ۋە دۇنيادا مۇقىملىققا ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرىىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدۇق، بۇنداق بىر يىغىندا ھەقىقەتلەر بۇرمىلانغان بانياناتلارنى قوبۇل قىلىشىمىز ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. ئەگەر ئەرمېنىيە تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى راستلا ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى خالىسا، ئۇنداقتا، بۇنداق پەلىپەتىش دەۋالارنى كۆتۈرۈپ چىقماسلىقى ۋە ئاتالمىش <ئىرقىي قىرغىنچىلىق>  دەۋالىرىغا خاتىمە بېرىشى كېرەك، تارىخىي ۋەقەلەرنى تارىخشۇناسلارنىڭ تەتقىق قىلىپ بىر تەرەپ قىلىشىغا قالدۇرۇشى لازىم. ئەرمېنىيە ئۆزى تاللىغان يولى ئارقىلىق ئۆز – ئۆزىنى رايوندا يېتىم قالدۇرۇۋاتىدۇ. ئەرمېنىيە تىنچلىق سىياسىتىنى يولغا قويغاندىلا، ئاندىن مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇش، جەنۇبىي كاۋكاز رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە پاراۋانلىقىغا ھەسسە قوشۇشتا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلەيدۇ. ئۇرۇش ۋە زوراۋانلىق تۈگەپ، تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورناتقاندىلا، ئاندىن كۆچمەنلەر، مۇساپىرلار ۋە قاچقۇنلار مەسىلىلىرىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر