ئەردوغان ياۋروپا ئىتتىپاقىنى تۈركىيەنىڭ ئەزالىق مۇساپىسى توغرىسىدا ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈشكە چاقىردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ۋېنگىرىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىق سۆھبەتلىرى مۇساپىسىدە ئىزچىل ھالدا تۈركىيەنى قوللاپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

1064958
ئەردوغان ياۋروپا ئىتتىپاقىنى تۈركىيەنىڭ ئەزالىق مۇساپىسى توغرىسىدا ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان ۋېنگىرىيەدە باش مىنىستىر ۋېكتور ئوربان بىلەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى؛ ئەردوغان، بىر مۇخبىرنىڭ «تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى (ئەزالىق) مۇساپىسىنىڭ سۈرئىتىنى ئاشۇرۇش يولىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىدىن نېمىلەر كۈتۈۋاتىسىز؟ بۇ جەھەتتە ئالدىمىزدىكى مۇساپىدە تېخىمۇ كۆپ مەسىلىلەرنىڭ كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈلۈشىنى كۈتۈۋاتامسىز؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىشتىن ئىلگىرى، بۇ ھەقتە توختالغان ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋېكتور ئوربانغا رەھمەت ئېيتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «چۈنكى، ياۋروپا ئىتتىپاقى (ئەزالىق) مۇساپىسىدە ھەقىقەتەنمۇ ھەردائىم يېنىمىزدا تۇردى، ھەردائىم بىزنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىدى» دېدى.

ئاندىن مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋابەن، بۇ مۇساپىدە، (ئەزالىق ئىلتىماسى سۇنۇلغان) 1963 – يىلىدىن 2018 – يىلىغا قەدەم بېسىلغانلىقىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا، «1963 – يىلىدىن بۇيان كولدۇرلىتىلىۋاتقان بىر تۈركىيە بار. ھېچبىر ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتكە بۇنداق زۇلۇم قىلىنىپ باقمىدى. نە <ماقۇل>، نە <ياق>. ماقۇل دېيىلىدىغان بولسا، ماقۇل دېيىلسۇن، ياق دېيىلىدىغان بولسا، ياق دېيىلسۇن. سەمىمىي بولۇش كېرەك. قوبۇل قىلىدىغان بولساڭلار سىگنالىنى بېرىڭلار، قوبۇل قىلمايدىغان بولساڭلار، بۇنىمۇ دەڭلار. نە سىلەر بىزنى، نە بىز سىلەرنى چارچاتمايلى. سىلەرمۇ يولۇڭلارنى داۋاملاشتۇرۇڭلار، بىزمۇ يولىمىزغا ماڭايلى. مۇشۇنداق ئوچۇق – ئاشكارا ۋە كەسكىن بولۇش كېرەك. مەن، سىياسەتتە ئوچۇق – يورۇق، دەل بولۇشنى ياخشى كۆرىمەن. بۇ قەدەمنى مۇشۇنىڭغا ئاساسەن تاشلاش كېرەك، دەپ قارايمەن، بىز نۆۋەتتە سەۋر نۇقتىسىدىمىز، ئاقىۋەت ياخشى بولار، دەيمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر