ئەردوغان: قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى مەھسۇلاتلارنى تېخىمۇ كۆپ ئىشلەپچىقىرىمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشقا تېخىمۇ كۆپ ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1065307
ئەردوغان: قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى مەھسۇلاتلارنى تېخىمۇ كۆپ ئىشلەپچىقىرىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان ۋېنگىرىيەنىڭ پايتەختى بۇداپېشتتا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە – ۋېنگىرىيە سودا – ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنىڭ ئېچىلىشىدا قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دېدى: «سېنتەبىر ئېيىدا ئېلان قىلىنغان يېڭى ئىقتىسادىي پىروگراممىز ئارقىلىق بۇنىڭدىن كېيىن قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشقا تېخىمۇ كۆپ ئەھمىيەت بېرىمىز. تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىنىڭ ئاساسى ساغلامدۇر، ناھايىتى مۇستەھكەمدۇر. شۇڭا، تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسى ۋە بانكىچىلىق سىستېمىسىنى ۋەيران قىلىشقا ھېچكىمنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ. <سودا ئۇرۇشلىرى> غا ئوخشىغان پاراڭلار سودا ئىشلىرىمىزغا دەخلى – تەرۇز قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، ۋېنگىرىيە بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىمىز ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان تاموژنابىرلىكىنىڭ قانۇن – بەلگىلىمىلىرىگە تېخىچە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلەلمەسلىكى، تۈرك كارخانىچىلارنىڭ، تۈركىيە خەلقىنىڭ ياۋروپاغا بېرىشى ئۈچۈن ۋىزا ئېلىشقا مەجبۇر قىلىنىشى ئەۋزەللىكلىرىمىزدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇشنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇلاردۇر.»

ۋېنگىرىيە بىلەن بولۇپمۇ دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتىگە قارىتا قەدەملەرنى تاشلاشنى پىلانلاۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتقان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلىرىدا بۇ ھەقتە سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكلىرىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، 17 – سېنتەبىر كۈنى رۇسىيە بىلەن ھاسىل قىلىنغان سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىدا قورال – ياراغلاردىن خالىي قىلىنغان رايون تەشكىل قىلىنىشى توغرىلىقمۇ بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئۆتكەن ئاي سوچى باشلىقلار يىغىنىدا، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئىمزالىغان كېلىشىم لايىھەسى ئارقىلىق ئىدلىبتا ياشاۋاتقان 3.5 مىليون سۈرىيەلىكنىڭ بىخەتەرلىكى كاپالەت ئاستىغا ئېلىندى.»

ئۇ يەنە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مۇساپىرلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلمايۋاتقانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر