ئەردوغان يوقاپ كەتكەن ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى توغرىسىدا توختالدى

جۇمھۇر رەئىس قوشۇمچە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باشلىقى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ خېلى كۆپ دۆلەتلەردىن ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1063996
ئەردوغان يوقاپ كەتكەن ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پارتىيەسىنىڭ ئەنقەرەگە قاراشلىق قىزىلچاھامام ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن 27 – نۆۋەتلىك مەسلىھەت ۋە مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئاخىرقى كۈنىدىكى سۆزىدە، «نۆۋەتتە تۈركىيە خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ قەرز بېرىش ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ياردەملىرىگە موھتاج بولىدىغان نۇقتىدىن ناھايىتى يىراق تۇرماقتا» دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «تۈركىيە، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى دەپتىرىنى قايتا ئاچمايدىغان شەكىلدە يېپىۋەتتى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىغىندىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ ئالدىنقى كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىغا كىرىپ كەتكەندىن كېيىن ئىزدېرىكى قىلىنالمىغان ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىنىڭ مۇخبىرى، سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجىنىڭ يوقاپ كېتىشىگە دائىر سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، «ھېلىھەم ياخشى ئويدا بولۇۋاتىمەن، ئىنشائاللاھ  بىز ئارزۇ قىلمىغان ئەھۋاللار ئالدىمىزغا چىقماس» دېدى.

كونسۇلخانىغا كىرىش – چىقىشلارنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، «تېز سۈرئەتتە نەتىجىگە ئېرىشىشنى خالايمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر