باتماندا تېررورچىلارغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلىدۇ
باتماننىڭ گەرجۈش ناھىيەسى يېزىسىدا تۈنۈگۈن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك لىق تېررورچىلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان خائىنلارچە ھۇجۇمغا قارشى شەھەردە بۈگۈن تېررورچىلارغا لەنەت ياغدۇرۇش نامايىشى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
1062757
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ۋە مىڭلارچە خەلق قاتنىشىدىغان نامايىشتا، تېررورچىلارنىڭ 8 ئەسكەرنىڭ جېنىغا زامىن بولغان تېررورلۇق ھۇجۇمى لەنەتلىنىدۇ.
گەرجۈش ناھىيەسى يېزىسىدا ھەربىي بىرونىۋىكنىڭ ئۆتۈشى جەريانىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك لىق تېررورچىلار ئالدىن تۇزاق قۇرۇپ كۆمۈپ قويغان پارتلاتقۇچنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە نەق مەيداندا 4 ئەسكەر شېھىت بولغان، 5 ئەسكەر يارىلانغانىدى، يارىلانغان 5 ئەسكەردىن 4 ى دوختۇرخانىدا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي شېھىت بولغان، شۇنىڭ بىلەن، شېھىت بولغانلارنىڭ سانى 8 گە يەتكەنىدى.