ئىزمىر ۋە ئايدىن ۋىلايەتلىرىدە كۆچمەنلەر تۇتۇلدى

ئىزمىرنىڭ چەشمە ناھىيەسى بىلەن ئايدىن ۋىلايىتىنىڭ كۇشاداسى (قۇش ئارىلى) ناھىيەسىنىڭ دېڭىز ساھىللىرىدا قانۇنسىز يوللار بىلەن گىرېتسىيەگە ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغان 93 كۆچمەن تۇتۇلدى.

1062526
ئىزمىر ۋە ئايدىن ۋىلايەتلىرىدە كۆچمەنلەر تۇتۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساھىل بىخەتەرلىك خادىملىرى چەشمە ناھىيەسىنىڭ ئالاچاتى دېڭىز ساھىلىدا يەل قولۋاق بىلەن گىرېتسىيە ئاراللىرىغا قاراپ ماڭغان بىر توپ كىشىنى بايقىغان ۋە دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە كىچىك بالىلاردىن تەشكىللەنگەن 40 كۆچمەننى تۇتقان.

ئايدىن ۋىلايىتى كۇشاداسى ناھىيەسىنىڭ ساھىل بىخەتەرلىكىنى قوغداش خادىملىرى دوغانبەي ئەتراپىدا يەل قولۋاق بىلەن ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئافغانىستانلىق 53 كۆچمەننى تۇتقان.

ھەر ئىككى ھەرىكەتتە تۇتۇلغان 93 كۆچمەننىڭ مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلىرى بېجىرىلگەندىن كېيىن ۋىلايەتلىك كۆچ ئىدارىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر