ۋان بىلەن ئىزمىردە كۆچمەنلەر تۇتۇلدى

ۋاننىڭ يىپەك يولى ناھىيەسى، ئىزمىرنىڭ دىكىلى ناھىيەسى ۋە دېنىزكۆي ساھىللىرىدا قانۇنسىز يوللار بىلەن كەلگەنلىكى ئېنىقلانغان نۇرغۇن كۆچمەنلەر قولغا چۈشۈرۈلدى.

1060068
ۋان بىلەن ئىزمىردە كۆچمەنلەر تۇتۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەتكەسچىلىك ۋە تەشكىللىك جىنايەتلەرگە قارشى كۈرەش قىلىش شۆبىسىنىڭ خادىملىرى ھاجىبەكىر مەھەللىسى گۈلىستان كوچىسىدىكى بىر ئۆيدە تىنىتىش ئېلىپ باردى. تىنىتىشتا، ئافغانىستاندىن قانۇنسىز يوللار بىلەن كەلگەنلىكى ئېنىقلانغان 90 كۆچمەن، پاكىستاندىن قانۇنسىز يوللار بىلەن كەلگەنلىكى ئېنىقلانغان 50 كۆچمەن بولۇپ، جەمئىي 140 كۆچمەن تۇتۇلدى.

قانۇنسىز كۆچمەنلەر مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلىرى بېجىرىلگەندىن كېيىن، ۋىلايەتلىك كۆچ ئىدارىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.

ئىزمىرنىڭ دىكىلى ناھىيە ساھىلىدىمۇ قانۇنسىز يوللار بىلەن گىرېتسىيەگە ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغان 84 كۆچمەن تۇتۇلدى. ساھىل بىخەتەرلىكىنى قوغداش خادىملىرى ساھىلدا يەل قولۋاق بىلەن ھەرىكەت قىلىۋاتقان بىر توپ كىشىنى بايقىدى ۋە دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ 46 كۆچمەننى قولغا چۈشۈردى.

ئىزمىرنىڭ دېنىزكۆي ساھىلىدا يەل قولۋاق بىلەن گىرېتسىيە ئاراللىرىغا ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغان 38 كۆچمەن تۇتۇلدى.

كۆچمەنلەر مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلىرى بېجىرىلگەندىن كېيىن ۋىلايەتلىك كۆچ ئىدارىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر