ئەردوغان سوچىدا پۇتىن بىلەن كۆرۈشىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۈگۈن رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشىدۇ.

1050905
ئەردوغان سوچىدا پۇتىن بىلەن كۆرۈشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئۇچرىشىپ، سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىغا ئالاقىدار ئەڭ يېڭى ئەھۋاللار توغرىسىدا سۆزلىشىدۇ.

ئەردوغان بىلەن پۇتىننىڭ ئۇچرىشىشىدا ئىدلىبقا قىلىنغۇسى بىر ھۇجۇم پەيدا قىلىدىغان كۆچۈش دولقۇنى، رايوندىكى تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، سىياسىي چارە تېپىش يولىدىكى تىرىشچانلىقلار دېگەندەك مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشى كۈتۈلمەكتە.

ئۇچرىشىشتا يەنە، رايوندىكى ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەردىن سىرت ئىقتىساد ۋە ئېنېرگىيە ئالاقىدار مەسىلىلەرمۇ مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.

بۇ، 26 – سېنتەبىردە ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان سۈرىيەگە ئالاقىدار يىغىندىن ئىلگىرىكى ناھايىتى مۇھىم ئۇچرىشىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئەردوغان پۇتىن بىلەن ئاخىرقى قېتىملىق ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنىدىن ئىلگىرى – 7 – سېنتەبىردە ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر