تۈركىيە تېررورچىلارغا تىنىمسىز زەربە بەرمەكتە

تۈركىيەنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى كۈرىشى ئۈزلۈكسىز داۋام قىلماقتا...

1050267
تۈركىيە تېررورچىلارغا تىنىمسىز زەربە بەرمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماردىننىڭ قىزىلتەپە ۋە نۇسايبىن ناھىيەلىرىگە تەۋە تاغلىق رايونىنىڭ سۈرىيە چېگراسىدا ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا، قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق تۈركىيەگە كىرىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئىككىسى ئايال بولۇپ جەمئىي 3 ئەزاسى قولغا چۈشۈرۈلدى؛ مەزكۇر تېررورچىلارنىڭ بومبا ياساش بويىچە تەلىم ئالغانلىقى ئېنىقلاندى.

باتماننىڭ كوزلۇك ناھىيەسىدە ۋالىي ۋە باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلانغان بىر تېررورچى قولغا چۈشۈرۈلدى.

مۇشنىڭ خاسكۆي ناھىيەسى تاغلىق رايونىدا تېررورچىلارنىڭ بىر ئۆڭكۈرى بايقالدى.

ۋاننىڭ گۈلپىنار ناھىيەسىدىكى زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا بىر تېررورچى بىلەن كۆپ مىقداردا قورال ۋە ئوق – دورا قولغا چۈشۈرۈلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيە قانىتى ي پ گ ئەزاسى بولۇش ئېھتىمالى بولغان سۈرىيە پۇقراسى ئىككى ئاكا – ئۇكا ئاماسيادا قولغا چۈرۈلدى، ئىككەيلەننىڭ بىرى تۇتقۇن قىلىندى.

ئىستانبۇلدىمۇ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ياشلار قانىتىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە 16 گۇماندار نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر