چاۋۇشئوغلۇ تەرەپلەرنى سۈرىيەدە مەسىلىنى تىنچلىق بىلەن ھەل قىلىشقا چاقىردى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ سۈرىيە ۋەزىيىتىنىڭ ھەممىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، مەزكۇر مەسىلىدە ئوخشاش پىكىرگە ئىگە دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1047652
چاۋۇشئوغلۇ تەرەپلەرنى سۈرىيەدە مەسىلىنى تىنچلىق بىلەن ھەل قىلىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ رۇمېنىيە پايتەختى بۇخارېستتا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-رۇمېنىيە-پولشا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدىن كېيىن، رۇمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تېيودور مېلېسكانۇ ۋە پولشا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جاجېك جزاپۇتوۋىجز بىلەن بىرلىكتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئۇ ئىدلىبقا بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن رۇسىيەنىڭ توختىماي ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «تەكلىپىمىز ناھايىتى ئېنىق. ئىدلىبتىكى ھۇجۇملار توختىسۇن، تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرىنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى يوقىتىش ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشىشىمىز كېرەك» دېدى.

ئۇ سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:

«سۈرىيەدە ئەڭ ياخشى ھەل قىلىش چارىسى بولغان <سىياسىي يول> غا يېتىشتە مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرەلمىسەك، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى ھەربىي چارىگە ئىشىنىدۇ. ئاستانا بىلەن سوچىدا زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن بولساقمۇ، تېھراندا قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولغان بولساقمۇ، ئەپسۇسكى بەششار ئەسەدنىڭ ھۇجۇملىرى داۋام قىلىۋاتىدۇ. نېمە ئۈچۈن شۇنچىۋالا كۆپ پۇقرالارنى، ئاياللار ۋە كىچىك بالىلارنى ئۆلتۈرۈش كېرەك؟ شۇڭا بۇ مەسىلىدە بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك.»

ئۇ رۇسىيە، ئىران، ئامېرىكا، فىرانسىيە ۋە ئەنگلىيەدىن باشقا سۈرىيەدە باشقا ھەمراھلار بىلەنمۇ بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىكە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلىدى. ئۇ تۈركىيە بولۇش سۈپىتىىدە، سۈرىيە ۋەزىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىشى ۋە مەسىلىلەرنىڭ تىنچلىق ئۇسۇلدا ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن رۇسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ئىران قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن كۆپ تەرەپلىك تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، مۇنداق دېدى:

«بىراق، بىگۇناھ كىشىلەرنى، ئاياللار ۋە كىچىك بالىلارنى قىرغىن قىلىش، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشنىڭ ئۇسۇلى ئەمەس. بارلىق تەرەپلەرگە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ھۇجۇملىرىغا قارشى ئاۋازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە، مەسىلىگە تىنچلىق يولى بىلەن چارە تېپىشقا چاقىرىمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر