ئەردوغان: ئامېرىكا فەتھۇللاھچىلارغا يىلىغا 800 – 850 مىليون دوللار بېرىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا يىلىغا 800 – 850 مىليون دوللار بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1044881
ئەردوغان: ئامېرىكا فەتھۇللاھچىلارغا يىلىغا 800 – 850 مىليون دوللار بېرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان بېنىن پىرېزىدېنتى پاترىكې تالون بىلەن ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن ئۆتكۈزگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بېنىن پىرېزىدېنتى تالون بىلەن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى مەسىلىسى توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ھەممىگە مەلۇمكى، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋىرۇسقا ئوخشاش تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن ھەر بىر دۆلەتكە، ھەمم يەرگە يوشۇرۇن كىرەلەيدىغان بىر تەشكىلاتتۇر. جۈملىدىن، بۇ تەشكىلات بېنىنغىمۇ ئوغرىلىقچە كىرگەن. مائارىپ فوندى جەمئىيىتى ۋاكالەتخانىمىز ئۆتكەن ئاي خىزمەت ئىشلەشكە باشلىدى. بېنىندىكى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا چېتىشلىق بولغان ئۇنسۇرلارنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئېنىقلاپ چىقالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن.»

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيەدىكى ھەرقايسى دۆلەت ئورۇنلىرىغا قانداق ئۇسۇللار بىلەن ئورۇنلىشىۋالغان بولسا، بېىندىمۇ شۇنداق ئورۇنلىشىۋېلىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى قەيت قىلغان ئەردوغان مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى فەتھۇللاھ گۈلەنگە 400 دۆنۈملۈك زېمىننى ئاجرىتىپ بەردى، فەتھۇللاھ گۈلەن پۈتكۈل دۇنيادىكى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنى بۇ يەردىن كونتىرول قىلماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا يىلىغا بېرىپ كېلىۋاتقان پۇلنىڭ مىقدارى 800 – 850 مىليون دوللارغا يېتىدۇ. بۇ ھەقىقەتنى ھەممە بىلىشى كېرەك دەپ قارايمەن. چۈنكى بۇ، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ پەردە ئارقىسىدا نېمىلەرنىڭ بارلىقىنى، كىملەرنىڭ بارلىقىنى بىلىش جەھەتتىن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر