«ناۋادا ئىدلىبتە پاجىئە يۈز بەرسە ئۇ جايدىكىلەر تۈركىيەگە قېچىپ كېلىدۇ»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىدلىبتە پاجىئە يۈز بەرسە ئۇ جايدىكىلەرنىڭ تۇنجى بولۇپ تۈركىيەگە كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1043278
«ناۋادا ئىدلىبتە پاجىئە يۈز بەرسە ئۇ جايدىكىلەر تۈركىيەگە قېچىپ كېلىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىدلىبنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئۈستىدە توختىلىپ: ئىدلىبنىڭ ۋەزىيىتى تولىمۇ كەسكىن بولىۋاتىدۇ، ئىدلىبتە نۆۋەتتە 3 مىليون 500 مىڭ ئادەم ياشاۋاتىدۇ، ناۋادا ئىدلىبتە پالاكەت يۈز بەرسە ئۇ جايدىكى كىشىلەر تۇنجى بولۇپ تۈركىيەگە قېچىپ كېلىدۇ، دېدى.

ئەردوغان قىرغىزىستان زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ تۈركىيەگە قايتىش سەپىرىدە مۇخبىرلارنىڭ ئىدلىب مەسىلىسى توغرۇلۇق سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئىدلىب مەسىلىسىنىڭ تۈركىيەگە نىسبەتەن تولىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان مۇنداق دېدى: «ئىدلىبنىڭ ۋەزىيىتى تولىمۇ كەسىن بولىۋاتىدۇ، ئىدلىبتە نۆۋەتتە 3 مىليون 500 مىڭ ئادەم ياشاۋاتىدۇ. ئاللاھ ساقلىسۇن، ناۋادا ئىدلىبتە پالاكەت يۈز بەرسە ئۇ جايدىكى كىشىلەر تۇنجى بولۇپ تۈركىيەگە قېچىپ كېلىدۇ. رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز تولىمۇ مۇھىم، ئامېرىكا رۇسىيەنى ئەيىبلەۋاتىدۇ، رۇسىيە بولسا ئامېرىكىنى ئەيىبلەۋاتىدۇ، ئەگەر ئىدلىبكە راكېتامىيوتلار ئېتىلسا ئېغىر تىراگېدىيەلەر يۈز بېرىدۇ. ناۋادا ئۇ جايدا پالاكەت يۈز بەرسە ئۇ جايدىكىلەر قەيەرگە قاچىدۇ؟ بىزگە كېلىشى تولىمۇ يۇقىرى، بۇ تەبىئىي ھالدا قىيىنچىلىق پەيدا قىلىدۇ.»

جۈمە كۈنى ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا پىرېزىدېنت ھەسەن رۇھانى بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن ئەردوغان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «7-سېنتەبىردە تېھراندا ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى چاقىرىلىدۇ. خۇدايىم بۇيرىسا بۇ يىغىندىن ئىجابىي نەتىجە چىقىپ ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئاشقۇنلۇقلىرى توسۇلۇپ قالغۇسى. مەن بۇ قېتىمقى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىنى تولىمۇ مۇھىم، دەپ قارايمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر