تۈركىيە ترابلۇسنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن قايغۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، 27 – ئاۋغۇستتا لىۋىيەنىڭ پايتەختى ترابلۇستا باشلىنىپ كۈنسېرى كۆپ پۇقرانىڭ جېنىدىن ئايرىلىشى ۋە يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان توقۇنۇشلاردىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1042007
تۈركىيە ترابلۇسنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن قايغۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا، «لىۋىيەنىڭ پايتەختى ترابلۇستا 27 – ئاۋغۇستتا باشلانغان ۋە بارغانچە ئۇلغىيىپ كۆپ ساندا پۇقرانىڭ ئۆلۈمى ۋە يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان توقۇنۇشلاردىن قايغۇرماقتىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى. باياناتتا، لىۋىيەدىكى بارلىق تەرەپلەرنىڭ بىگۇناھ پۇقرالارغا زىيان يەتكۈزۈۋاتقان ۋە ب د ت رەھبەرلىكىدىكى سىياسىي مۇساپىگە توسقۇنلۇق پەيدا قىلىش خەۋپى بولغان قىلمىشلاردىن يىراق تۇرۇشىنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەنگەن ھالدا، «تۈركىيە، ترابلۇستا توقۇنۇشلارنىڭ توختىتىلىشى؛ ئامانلىق ۋە بىخەتەرلىكنىڭ قايتىدىن ئورنىتىلىشى يولىدىكى بارلىق تىرىشچانلىقلارنى تولۇق قوللىماقتا» دېگەن ئىبارىلەر تەكىتلەندى.

لىۋىيەنىڭ پايتەختى ترابلۇس بىر قانچە كۈندىن بۇيان مەملىكەتلىك يارىشىش ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق بىرىگادالار ئارىسىدىكى توقۇنۇشلارغا سەھنە بولماقتا؛ مەزكۇر توقۇنۇشنىڭ مەملىكەتلىك يارىشىش ھۆكۈمىتى مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق 7- بىرىگادا بىلەن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق نەۋاسى بىرىگاداسىنىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ھەيسەم ئەتتاجۇرى رەھبەرلىكىدىكى ترابلۇس ئىنىقلابچىلىرى بىرىگاداسى ئارىسىدا يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن، 7- بىرىگادا ئەمەلدارلىرى، پايتەختنىڭ جەنۇبىدىكى ھەربىي ئورۇنلىرىغا ترابلۇس ئىنقىلابچىلىرى بىلەن نەۋاسى بىرىگاداسىنىڭ ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر