ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ھەيئىتى ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولدى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ھەيئىتى پايتەخت ئەنقەرەدە بىر قاتار ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزدى.

1038704
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ھەيئىتى ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئەزالىرى مايكېل تۇرنېر، جون گرامېندى، توم مارىنو ۋە ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مۇئاۋىن مەسلىھەتچىسى روبېرت خوت ۋە باشقا ئاۋام پالاتا خادىملىرىدىن تەشكىل تاپقان بىر ھەيئەت تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەن.

ئامېرىكا ھەيئىتىنىڭ يەنە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو پارلامېنت ئەزالىرى ئانسامبىلى باش كاتىپى دېيۋىد خوببىس بىلەن تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە ئۇچرىشىش ئۆتكۈزگەنلىكى، F-35 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى پىلانى دائىرىسىدە تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم بوشلۇقى سانائىتى رايونىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىزمىردىكى ناتو قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانلىقى ۋە ئادانادىكى ئىنجىرلىك ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى ئالدىنقى كۈنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان ھەيئەت، تۈركىيەدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر