چېگرادىن سوقۇنۇپ كىرىشكە ئۇرۇنغان 2 تېررورچى قولغا چۈشتى
شانلىئۇرفادا چېگرادىن سوقۇنۇپ كېرىشكە ئۇرۇنغان 2 تېررورچى نازارەتكە ئېلىندى.
1031842
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئامانلىقنى ساقلاش قىسىملىرى سۈرىيەنىڭ رەسۇلەين رايونىدىن 2 كىشىنىڭ چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتۈشكە ئۇرنىۋاتقانلىقىنى بايقىدى.
رايونغا ئەۋەتىلگەن ئەترەت بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ پ ي د ئەزاسى ئىككى تېررورچىنى تۇتۇپ نازارەتكە ئالدى.
تېررورچىلار چېگرا ساقچىخانىسىدىكى رەسمىيەتلىرى تاماملانغاندىن كېيىن، ئەدلىيە ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.