تۈرك ئىنژېنېرلارنىڭ ئالەمشۇمۇل مۇۋەپپەقىيىتى

تۈرك ئىنژېنېرلار لايىھەلەپ چىققان سۇ ئاستى زەربىدارلار ئەترىتى كېمىسى يونجانىڭ سۈرئىتى دۇنيا بويىچە ئەڭ تېز كېمە ھېسابلىنىدۇ.

1024820
تۈرك ئىنژېنېرلارنىڭ ئالەمشۇمۇل مۇۋەپپەقىيىتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈرك ئىنژېنېرلار تەرىپىدىن لايىھەلەنگەن، دۇنيا بويىچە سۈرئىتى ئەڭ تېز ۋە رادارغا چۈشمەيدىغان سۇ ئاستى زەربىدارلار ئەترىتى كېمىلىرىدىن «يونجا – ئونۇق» بودرۇمغا كەلدى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، كېمە، ياز ئايلىرى بويىچە بودرۇم  ۋە بودرۇمنىڭ يالىقاۋاق، گۈمۈشلۈك، تۇرغۇترەئىس، ئاقيارلار قاتارلىق مەھەللىرى، بىتەز ساھىللىرى، قارداق قىيالىقلىرى ئارىسىدىكى رايوندا، قانۇنسىز كۆچمەن ئەتكەسچىلىكى ۋە گىرېتسىيە ساھىل بىخەتەرلىك كېمىلىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ سۇ تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلىشىغا تاقابىل تۇرۇش، دەرھال مۇداخىلە قىلىش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر