پارلامېنتتىكى تۆت سىياسىي پارتىيە ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگو قارارىغا قارشى ئورتاق بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) دىكى 4 سىياسىي پارتىيە، ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ تۈركىيەگە قارشى يولسىزلارچە چىقارغان ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارىغا ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ نارازىلىق بىلدۈردى.

1024458
پارلامېنتتىكى تۆت سىياسىي پارتىيە ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگو قارارىغا قارشى ئورتاق بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى گۇرۇپپىسى مۇئاۋىن باشلىقى مەھمەت مۇش، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى گۇرۇپپىسى مۇئاۋىن باشلىقى ئەنگىن ئالتاي، مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى گۇرۇپپىسى مۇئاۋىن باشلىقى ئەركان ئاقچاي ۋە ئىيى پارتىيە گۇرۇپپىسى مۇئاۋىن باشلىقى ياۋۇز ئاغىرئالىئوغلۇ قاتارلىقلارنىڭ ئىمزالىرى بىلەن ئېلان قىلىنغان ئورتاق باياناتقا، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تەھدىتلىرىنى خەلقىمىزنىڭ ئورتاق ھەمكارلىقى ۋە ئىرادىسىگە تايانغان ھالدا <رەت> قىلىمىز» دەپ ماۋزۇ قويۇلدى.

باياناتتا، ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ خېلىدىن بۇيان تۈركىيەگە قارىتا دوستلۇق، ئىتتىپاقداشلىق، ئورتاق ناتو ئەزالىقى، شۇنداقلا دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئۇزۇن يىللار جەريانىدا شەكىللەنگەن قىممەت – قاراشلىرى نۇقتىسىدىنمۇ قوبۇل قىلىنمايدىغان پوزىتسىيە، بايانات ۋە سىياسەتلەر بىلەن، سىياسىتى ۋە ئاخىرىدا بۇنىڭ ئەقىل ۋە مەنتىقكە سىغمايدىغان ئاخىرقى ھالقىسىنى تەشكىل قىلغان «تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى مىنىستىرىغا قارىتا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ قولى بىلەن ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان ئېمبارگو قارارىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈلگەنلىكى» تەكىتلەندى.

باياناتتا، ئەھۋال مۇشۇنداق ئىكەن، تۈركىيەدىكى بىر جاسۇسلۇق دېلوسىغا چېتىشلىق مەسىلىنى باھانە قىلىپ، تۈركىيەنى بولۇڭغا قىستاش ۋە ئامېرىكىنىڭ قارارلىرىغا قاراپ ھەرىكەت قىلىشقا زورلاشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن ھالدا، «... بۇ خىل يول ۋە مېتودلارنى تۈرك خەلقىنىڭ ئىززەت – ئابرويلىرى بىلەن رەت قىلىدىغانلىقىمىزنى، بۇ يولدا تاشلانغان ۋە تاشلىنىدىغان ھەر تۈرلۈك قەدەمگە قارشى مىللىتىمىزنىڭ ئورتاق ئىرادىسىنى ۋە ھەمكارلىقىنى ئىپادىلەۋاتقانلىقىمىزنى، ئىجرائىيە ئورگىنىنىڭ خەلقئارالىق كېلىشىملەر دائىرىسىدە كېرەكلىك جاۋابنى قايتۇرۇشىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى جامائەتچىلىككە ئۇقتۇرىمىز» دېيىلدى.

ئاقساراي باياناتچىسى ساراھ ساندېرس، تۈركىيەدە سوتلىنىۋاتقان ئامېرىكىلىق راھىپ ئاندرېۋ برۇنسوننىڭ قويۇپ بېرىلمەسلىكىنى باھانە قىلىپ، ئەدلىيە مىنىستىرى ئابدۇلھامىت گۈل ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۈلەيمان سويلۇغا ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگو يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

ساراھ ساندېرس، «پىرېزىدېنتنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، راھىپ برۇنسوننىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ۋە قاماققا ئېلىنىشىدا رول ئوينىغان تۈركىيە ئىچكى ئىشلار ۋە ئەدلىيە مىنىستىرلىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلغانىدى.

ئامېرىكا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقىمۇ يازما بايانات ئېلان قىلىپ، گۈل ۋە سويلۇنىڭ «برۇنسوننىڭ قاماقتا يېتىشىدا رول ئوينىغان ئورگانلارنى باشقۇرۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن، <ئېمبارگو> تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىىكنى بىلدۈرگەنىدى.

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسى ۋە پ ي د / پ ك ك نامىدىن جىنايەت سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ 2016 – يىلى 9 – نويابىردا نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان ئامېرىكىلىق راھىپ برۇنسون توغرىسىدىكى ئەيىبنامىدە، دىنىي زات تونىغا ئورۇنغان ھالدا مەزكۇر تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى نامىدىن جىنايەت سادىر قىلغانلىقى ۋە ئومۇمىي ئىستراتېگىيەلىرى دائىرىسىدە ھەرىكەت بىرلىكى ئىچىدە بولغانلىقى، تەشكىلاتلار بىلەن مۇددىئالىرىنى بىلىپ ۋە خالاپ ھەمكارلىق ئورناتقانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.

برۇنسوننىڭ ئامېرىكىلىق بىر ئەسكەرگە يوللىغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 2016 – يىلى 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى ئىپادىلەپ يوللىغان ئۇچۇرلىرىغا ئورۇن بېرىلگەن ئەيىبنامىدە، يانفونىدىكى «تۈركلەرنى داۋالغۇتىدىغان بەزى ۋەقەلەرنى كۈتۈۋاتاتتۇق. ئىساغا قايتىش ئۈچۈن كېرەكلىك شارائىت ھاسىل بولدى. ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى بىر ئەندىكىش ئىدى. كۆپ ساندا تۈرك ئۆتمۈشتىكىگە ئوخشاش ئەسكەرلەرگە ئىشەندى، بىراق، بۇ قېتىم بەك كېچىككەنىدى. ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن بۇ باشقا بىر داۋالغۇش. ۋەقەلەر تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىدۇ، دەپ ئويلايمەن. نەتىجىدە بىز غەلىبە قىلىمىز» دېگەن ئۇچۇرلارغىمۇ ئورۇن بېرىلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر