بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئائىت نىشانلار يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلدى
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى زاپ ۋە قەندىل رايونلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئائىت نىشانلار يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلدى.
1021404
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش ئىشتاب باشقارمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ تۈنۈگۈن ئىراقنىڭ شىمالىدىكى زاپ ۋە قەندىل رايونلىرىدا ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئائىت قورال - ياراغ ئىسكىلاتلىرى، پاناھ جايلار قاتارلىق نىشانلار يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلگەن.