ئەردوغان، تۈركىيە - رۇسىيە ھەمكارلىقىنىڭ بىرلىرىنى قىزغاندۇرغانلىقىنى ئېيتتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى ھەر ساھە ھەمكارلىقىنىڭ بىرلىرىنى ھەقىقەتەنمۇ قىزغاندۇرغانلىقىنى ئېيتتى.

1020399
ئەردوغان، تۈركىيە - رۇسىيە ھەمكارلىقىنىڭ بىرلىرىنى قىزغاندۇرغانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن 10 – نۆۋەتلىك بىرازىلىيە – رۇسىيە – ھىدىستان – خىتاي – جەنۇبىي ئافرىقا (كېسەك ئالتۇن) دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.

سۆھبەت باشلاشتىن ئىلگىرى ھەر ئىككى رەھبەر سالاملىشىش سۆزى قىلدى. ئەردوغان، تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ سىياسىي، ھەربىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىي ۋە سودا قاتارلىق بارلىق ساھەلەردە ناھايىتى يۇقىرى گۈللىنىشنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

ساياھەتچىلىكتىمۇ گۈزەل ئۆزگىرىشلەرنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، بۇ يىل 6 مىليون رۇس ساياھەتچىنىڭ تۈركىيەدە ساياھەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «بۇلار بىلەن بىرلىكتە ئارىمىزدىكى ھەر ساھە ھەمكارلىق بىرلىرىنى ھەقىقەتەن قىزغاندۇرماقتا» دېدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىنمۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ كۈچەيگەنلىكىدىن خۇشاللىق ھېس قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ھەر خىل كىرىزىسلەرنى يېڭىش جەھەتتە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ھەردائىم داۋاملىشىدىغانلىقىنى، ئىقتىسادىي ساھەلەردىمۇ مۇناسىۋەتلەرنىڭ گۈللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن پۇتىن، «كۆرۈشكەنلىكىمىزدىن بەكلا سۆيۈندۈم، بىرلىكتە خىزمەت قىلىشتىن خۇشاللىق ھېس قىلماقتىمەن» دېدى.

باياناتلاردىن كېيىن ئەردوغان بىلەن پۇتىن سۆھبىتىنى يېپىق ھالەتتە داۋاملاشتۇردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئايرىم ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەنمۇ كۆرۈشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر