تۈركىيە: خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارىنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوق

تۈركىيە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ  قىبرىستىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىقنى ساقلاش قىسمىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى يەنە 6 ئاي ئۇزارتىش قارارىنىڭ ھەم قىلچە ئەھمىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى ھەم قىبرىس مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ھەسسە قوشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1020566
تۈركىيە: خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارىنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، قىبرىستىكى تىنچلىقنى ساقلاش قىسمىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى يەنە 6 ئاي ئۇزارتىشقا ئالاقىدار خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارارىنىڭ 26 – ئىيۇل كۈنى قوبۇل قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئوخشاش مەسىلىدە 2017 – يىلى 27 – ئىيۇل كۈنى ماقۇللانغان 2369 – نومۇرلۇق قارارى ۋە 2018 – يىلى 30 – يانۋار كۈنى قوبۇل قىلىنغان 2398 – نومۇرلۇق قارارىدىنمۇ ئورۇن ئالغان، قىبرىس مەسىلىسىنى ھەل قىلىش باسقۇچىنى كەلگۈسىدە قايسى شەكىلدە داۋاملاشتۇرۇشقا ئالاقىدار قانۇن تەكلىپلىرى تولىمۇ ئەپسۇسكى، بۇ قارار لايىھەسىدىمۇ ئوخشاش شەكىلدە ئورۇن ئالغان. قىبرىسىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىقنى ساقلاش قىسمىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى ئۇزارتىشقا ئالاقىدار خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 26 – ئىيۇل كۈنى ماقۇللانغان قارارىغا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ مەسلىھەتچىسى تەرىپىدىن ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇچرىشىشلارنىڭ نەتىجىسىنىڭ ۋە چارە باسقۇچىنىڭ كەلگۈسىدە قايسى شەكىلدە داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقىغا ئالاقىدار ھۆكۈملەرنىڭ كىرگۈزۈلۈشى، تۈركىيەگە نىسبەتەن ھېچقانداق ئەھمىيىتىنىڭ بولمىغىنىدەك، قىبرىس مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقىمۇ ھەسسە قوشالمايدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر