چاۋۇشئوغلۇ پومپېئو بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئو بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1020398
چاۋۇشئوغلۇ پومپېئو بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋە مۇئاۋىنى مايك پېنسنىڭ، ئامېرىكىلىق راھىپ ئاندرېۋ برانسون قويۇپ بېرىلمىگەن تەقدىردە، تۈركىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزىدىغانلىقلىرى توغرىسىدىكى سۆزلىرى ۋە تۈركىيەنىڭ نارازىلىق بىلدۈرۈشىدىن كېيىن، چاۋۇشئوغلۇ بىلەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېئو تېلېفوندا كۆرۈشتى.

تېلېفون سۆھبىتىنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر