ئىبراھىم قالىن ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ تەھدىتلىرىگە قارشى بايانات بەردى

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، ترامپ ۋە مايك پېنسنىڭ تەھدىتلىرى نارازىلىق بىلدۈردى.

1020394
ئىبراھىم قالىن ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ تەھدىتلىرىگە قارشى بايانات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، ئامېرىكىنىڭ ناتو ئىتتىپاقدىشى بولغان تۈركىيەگە قارىتا ئىشلەتكەن تەھدىت خاراكتېرلىك تىلىنى قوبۇل قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ، «فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى مەسىلىسىدە ھازىرغىچە ھېچقانداق قەدەم تاشلىمىغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دائىرىلىرى، مۇستەقىل تۈركىيە ئەدلىيەسىنىڭ سالاھىيەت ساھەسى بولغان بىر مەسىلىنى باھانە قىلىپ، تۈركىيەگە تەھدىت سېلىش ئارقىلىق ئۈنۈمگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۆز مەنپەئەتلىرىگە، ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىمىزگە ئېغىر زىيان يەتكۈزمەستىن، بالدۇرراق پوزىتسىيەسىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئىجابىي زېمىنغا قايتىشى لازىم» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر