تۈركىيە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە جاۋاب قايتۇردى

تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى باشاق يالچىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پەلەستىنگە تۈركىيەدىنمۇ كۆپ ياردەم قىلغانلىقىغا ئالاقىدار دەۋاسىغا جاۋاب قايتۇردى.

1019091
تۈركىيە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە جاۋاب قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە چاقىرىلغان ۋە «پەلەستىن مەسىلىسى» مۇزاكىرە قىلىنغان يىغىندا سۆز قىلغان يالچىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى نىكى ھېيلىنىڭ،  «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پەلەستىن خەلقىگە، ئەرەب ئەللىرى، تۈركىيە ۋە باشقا بەزى دۆلەتلەردىنمۇ كۆپ ياردەم قىلدى» تەرىقىسىدىكى تەنقىدلىرىگە جاۋاب قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بىز ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە تەرەققىيات جەھەتتىن قىلغان ياردەملىرىمىز بىلەن ماختىنىدىغان بىر مىللەت ئەمەسمىز، ھەمدە بۇنى كۆككە كۆتۈرۈپمۇ يۈرمەيمىز. بىزنىڭ پەلەستىن ۋە پەلەستىن خەلقىگە قىلغان ياردەملىرىمىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېقىن  شەرق پەلەستىن مۇساپىرلىرىغا ياردەم بېىش ئورگىنىغا بەرگەن ياردەملىرىمىزنىڭ ھەددى – ھېسابى يوقتۇر. كۆڭۈل بۆلىدىغانلارغا بىز قىلغان ياردەملەر ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىش بىزگە نىسبەتەن خۇشاللىنارلىق ئىش. ئەمما شۇنىمۇ خاتىرىلىتىپ ئۆتىمەنكى، يەر شارى خاراكتېرلىك ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پىروگراممىسىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە 8.7 مىليارد دوللارلىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بىلەن دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندۇ تۇرىدۇ. مىللىي كىرىمگە نىسبەتەن ئىشقا ئاشۇرۇلغان رەتكە تىزىلىش بويىچە ئېيتقاندا، تۈركىيە  % 0.85  بىلەن دۇنيا بويىچە ئەڭ سېخى دۆلەت ھېسابلىنىدۇ.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى نىكى ھېيلى، «باي ئەرەب دۆلەتلىرى» دەپ ئاتىغان ئەرەب ئەللىرى ۋە تۈركىيەنى پەلەستىنگە ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەلەستىنلىك مۇساپىرلارغا ياردەم بېرىش تەشكىلاتلىرىغا ئاز ياردەم بېرىش بىلەن تەنقىد قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر