تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش نىشانى

تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە ئافرىندىن كېيىنكى نىشانى مۇنبىچ.

1016253
تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش نىشانى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تېررورىزمغا قارشى  كۈرەشتە ئافرىندىن كېيىن يۆنىلىشىنى مۇنبىچقا قاراتتى. مۇنبىچ مەسىلىسى توغرۇلۇق تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىندى.  بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، بىز بۇ ھەپتىكى پىروگراممىمىزدا، بۇ ئۆزگىرىشلەرگە ئاساسەن مۇنبىچ مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

مۇنبىچ سۈرىيەنىڭ ھەلەب ۋىلايىتىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان بىر ناھىيە بولۇپ، «فىرات دەرياسى» دىن 35 كىلومېتىر، تۈركىيە چېگراسىدىن 40 كىلومېتىر يىراقلىقتا. مۇنبىچ شەرقىي ھەلەبنىڭ ئەڭ مۇھىم ئولتۇراق مەركىزى ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەم نوپۇسى كۆپ ھەم تېرروتېرىيەسى چوڭ بىر ناھىيەدۇر.

مۇنبىچ تەبىئىي بايلىقلىرى، ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئېھتىيات بۇيۇملىرى مۇئەسسەسەلىرى ھەمدە رەققەدىن ھەلەبكىچە سوزۇلىدىغان رايوندىكى تىجارەت مەركىزى بولۇشى ئەۋزەللىكى بىلەنمۇ ئىقتىسادىي ئالاھىدىلىكى ناھايىتى يۈكسەكتۇر. رايوننىڭ توك ۋە سۇ ئېھتىياجىمۇ مۇنبىچ مەنبەلىرى بىلەن تەمىنلىنىدۇ.

مۇنبىچنى كونتىرول قىلالىغان كۈچ ھەلەب بىلەن رەققە ئوتتۇرىسىدا قالغان جۇغراپىيەدىكى ئىقتىسادىي، تەبىئىي بايلىقلار ۋە تىجارەتنى كونتىرول قىلالايدۇ.

مۇنبىچ سۈرىيەدە 2011 – يىلى باشلانغان خەلق قوزغىلاڭلىرىنى ئەڭ دەسلەپتىلا قوللىغان بولۇپ، 2012 – يىلى 17 – ئىيۇل كۈنى ئۆكتىچىلەرنىڭ قولىغا ئۆتتى.

دائېش بولسا ئەڭ دەسلەپ 2013 – يىلى ئاپرېل ئېيىدا شەھەرگە كىرىشكە باشلىدى. بۇ باسقۇچتا ئۆكتىچىلەر بىلەن دائېش ئوتتۇرىسىدا كىچىك تىپتىكى توقۇنۇشلار باشلاندى. خەلقنىڭ دائېشقا بولغان نارازىلىقىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، 2014 – يىلنىڭ باشلىرىدا مۇنبىچلىك گۇرۇپپىلار ئۆزئارا دائېشنى مۇنبىچتىن قوغلاپ چىقىرىش توغرۇلۇق كېلىشتى. دەرۋەقە، ئۆكتىچىلەر 2014 – يىلى يانۋاردا دائېشنى مۇنبىچتىن قوغلاپ چىقاردى. شەھەر ئۇدا 15 كۈن ئۆكتىچىلەرنىڭ قولىدا قالدى، ئاندىن دائېش مۇنبىچقا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قىلدى ۋە 2014 – يىلى 21 – يانۋار كۈنى شەھەرنى قولغا كىرگۈزدى. كېيىنچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ياردەم بەرگەن ي پ گ / س د گ كۈچلىرى شەھەرنى دائېشتىن تارتىۋېلىپ، شەھەرنىڭ كونتروللۇقىنى قولغا كىرگۈزدى.

مۇنبىچنىڭ دېموگرافىك قۇرۇلمىسىغا تارىخىي نۇقتىئىينەزەرگە ئاساسەن نەزەر تاشلىغىنىمىزدا، گېتېروگېنلىق ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز. بىراق، مۇنبىچ يېقىنقى 50 يىل ئىچىدە نوپۇس قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشى نەتىجىسىدە سۈننىي ئەرەب كىملىكى بىلەن ئالدىنقى پىلانغا چىققان بىر شەھەرگە ئايلاندى.

2017 – يىلنىڭ ئاخىرلىرى ناھىيەنىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 600 مىڭغا يەتكەنلىكى تەخمىنەن قىلىنماقتا.

شەھەردە ياشاۋاتقان ۋە مۇنبىچلىك بولۇپ باشقا رايونلاردا تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان مەنبەلەرنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، مۇنبىچتە ئېتنىك گۇرۇپپىلارنىڭ نوپۇس نىسبىتى تەخمىنەن مۇنداق ئىكەن: ئەرەبلەر % 90 نى، كوردلار % 5 نى، تۈركمەنلەر % 4 نى، چەركەسلەر % نى تەشكىل قىلىدىكەن.

مۇنبىچتىكى تۈركمەن يېزىلىرى شەھەر مەركىزىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، شەھەرنىڭ شىمالىدا 8 تۈركمەن بار، شەھەر مەركىزىدىمۇ تۈركمەنلەر نوپۇسنىڭ % 4 -5 تىنى تەشكىل قىلىدۇ.

مۇنبىچتە تۈركمەنلەر كۆپىنچە ئائىلە شەكلىدە ياشايدۇ. بىراق، ئەرەبلەر ئۇلارنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا «تۈركمەن قەبىلىسى» دەپ ئاتايدۇ.

مۇنبىچنى دائېش كونتىرول قىلىۋاتقان مەزگىلدە خەلقنىڭ بىردىنبىر ئارزۇسى دائېشتىن قۇتۇلۇش ئىدى. شۇڭا، پ ك ك/ي پ گ شەھەرگە كىرگەندە جىددىي قارشىلىققا دۇچ كەلمىدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ مۇنبىچ خەلقىنىڭ پ ك ك ھاكىمىيىتىگە قارىشى ئۆزگەردى.

بۇنىڭدا پ ك ك نىڭ خەلققە سالغان زۇلۇم – سىتەملىرى ۋە پ ك ك غا يېقىن بولغان كورد نوپۇسىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشى مۇھىم رول ئوينىدى. پ ك ك غا شەھەر خەلقىنىڭ قارىشىنىڭ ئۆزگىرىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان يەنە بىر ئامىل بولسا، ئاساسلىق خىزمەتلەردە قىيىنچىلىقلارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىپ كېتىشىدۇر.

پ ك ك/ي پ گ مۇنبىچتە ئىستىراتېگىيەلىك دەپ قارىغان ساھەلەر ئۈچۈن مەجبۇرىي كۆچۈرۈش سىياسىتىنى يولغا قويماقتا. بۇ مەقسەتتە پ ك ك نىڭ مۇنبىچلىكلەرنىڭ مال – مۈلۈكلىرىنى تارتىۋېلىشى بولسا دائىم – دېگۈدەك كۆزگە چېلىقىغان بىر ئەھۋالدۇر.

ئەگەر بىر كىشى ئەرەب ياكى تۈركمەن بولسا ئەنە شۇنداق قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىشى تۇرغانلا گەپ. «فىرات قالقىنى» ناملىق ھەربىي ھەرىكەت رايونىدا ياكى تۈركىيە سىياسىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇنبىچتە ئاھالىنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنىڭ مال – مۈلۈكلىرى مۇسادىرە قىلىنماقتا.

مەسىلەن، ئۆزىمۇ مۇنبىچ رايونىدىكى مەشھۇر ئائىلىلەردىن بىرىگە مەنسۇپ بولغان سۈرىيە تۈركمەن مەجلىسىنىڭ باشلىقى دوكتور ۋەجىھ جۈمە ۋە ئائىلىسىنىڭ مۇنبىچتىكى بارلىق مال – مۈلۈكلىرى پ ك ك/ي پ گ تەرىپىدىن تارتىۋېلىندى.

شۇ ھەقىقەتنى ئالاھىدە تەكىتلەش كېرەككى،  پ ك ك مۇنبىچتىن چېكىنىشنى خالىمايدۇ. شۇڭا، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك بۇ يەردە مەڭگۈ قالىمىز دەپ ئويلاپ، مۇنبىچنىڭ ئىسمىنى «مابۇك» قا ئۆزگەرتتى. بىراق، پ ك ك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مۇداپىئە قىلىشىدىن ئايرىلىپ قالغان ئەھۋال ئاستىدا، مۇنبىچتە قېلىشىنىڭ ئىمكانسىز ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئوبدان بىلىدۇ. دەرۋەقە، تۈركىيەمۇ يېقىندىن بۇيان مۇنبىچقا قارىتا بېسىمنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. بۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى مۇنبىچ مەسىلىسىدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىتتىپاقدىشى تۈركىيە بىلەن تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئوتتۇرىسىدا ئوتتۇرا يول تۇتۇشقا مەجبۇر قىلدى.

تۈركىيەنىڭ تىرىشچانلىقلىرى 2018 – يىلى ئىيۇن ئېيى ئېتىبارى بىلەن ئۈنۈملۈك ھالدا نەتىجىلەندى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن تۈركىيە مۇنبىچ مەسىلىسىگە ئالاقىدار «يول خەرىتىسى» ئۈستىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.

بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ بارلىق ئۇنسۇرلىرى بىلەن شەھەردىن چېكىنىدۇ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن تۈركىيە ئارمىيەلىرى رايوننى ئورتاق كونتىرول قىلىدۇ، مۇنبىچ ئۈچۈن يېڭى پۇقراۋى كېڭەش تەشكىل قىلىنىدۇ، بۇ ئارقىلىق مۇنبىچلىق پۇقرالارنىڭ ئۆي – ماكانلىرىغا قايتىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىلىدۇ.

تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇنبىچ مودېلىنىڭ «فىرات دەرياسى» نىڭ شەرقىي قىسمى ئۈچۈن ئىجرا قىلىنىشى مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.

تۈركىيە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم بىلەن ساھەدە ئوتتۇرىغا چىققان ئەھۋال ئارىسىدا جىددىي بىرەر پەرقنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى ناھايىتى ئوبدان بىلىدۇ. لېكىن، تاشلىنىۋاتقان قەدەملەرنى ھازىرچە «ئۆتكۈنچى باسقۇچ» نىڭ بىر قىسمى دەپ قارىماقتا. بۇ ناھايىتى توغرا بىر قاراشتۇر، چۈنكى چەكلىك دائىرىدە تاشلىنىۋاتقان قەدەملەرمۇ مۇنبىچتا ئىجابىي نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىدە مۇھىم رول ئوينىشى مۇمكىن.

ئالدىمىزدىكى باسقۇچتا قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى كۈرىشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، مۇنبىچ بىلەن «فىرات دەرياسى» نىڭ شەرقىي قىسمى مەسىلىسىدە تۈزۈلگەن كېلىشىمنى ئىجرا قىلىش باسقۇچىدا بىرەر كېلىشمەسلىك ئوتتۇرىغا چىققان ئەھۋال ئاستىدا، تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ دۈشمەنلىشىپ قېلىش ئېھتىماللىقى بار. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا تۈركىيەنىڭ مۇستەقىل ھەرىكەت قىلىدىغانلىقى ھەممىگە بەش قولدەك ئايان، ئەلۋەتتە.

شۇنى تەكىتلەش ھاجەتكى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن تۈركىيەنىڭ دۈشمەنلىشىپ قېلىشى، تۈركىيەنىڭ قەتئىي ئىرادىسىنى بوشاشتۇرالمايدۇ. دەرۋەقە، تۈركىيە ئافرىنغا قاراتقان «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى جەريانىدا بۇنىڭ شۇنداقلىقىنى نامايەن قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر