مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس  فۇئات ئوكتاي شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.

1016693
مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  20 – ئىيۇل «تىنچلىق ۋە ئەركىنلىك بايرىمى» نىڭ 44 – يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە كەتكەن مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس  فۇئات ئوكتاي، بۇ يەردە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى مۇستافا ئاقىنجى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى.

فۇئات ئوكتاي ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، قىبرىس تۈرك خەلقىنىڭ 1974 – يىلدىن بۇرۇن بېشىدىن كەچۈرگەن تىراگېدىيەنى قايتا باشتىن كەچۈرمەسلىكى ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقى ھەم خىزمەت ئىشلەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، قىبرىس مەسىلىسىنىڭ ئادىل ۋە ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلىنىشى يولىدا ھارماي – تالماي  كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى، ھەمدە تۈركىيەنىڭ قىبرىس تۈرك خەلقىنىڭ ھەر دائىم يېنىدا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ، كېيىنچە جۇمھۇرىيەت مەجلىسىنىڭ باشلىقى تەبەررۈكەن ئۇلۇچاي ۋە باش مىنىستىر تۇفان ئەرھۈمان بىلەنمۇ ئايرىم – ئايرىم كۆرۈشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر