ئىراقنىڭ شىمالىدىكى تېررورلۇق ئۇۋىلىرى ھاۋادىن بومباردىمان قىلىندى

مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا داۋاملىشىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەردە توققۇز تېررورىست بىر تەرەپ قىلىندى.

1015151
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى تېررورلۇق ئۇۋىلىرى ھاۋادىن بومباردىمان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئارمىيە باش ئىشتابى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى كاندىل بىلەن شىرناك|ئۇلۇدەرە ۋە سىئىرت|ئەرۇھ رايونلىرىدا داۋاملىشىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەر توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، 17-18-19-ئىيۇل كۈنلىرى ئىجرا قىلىنغان ھاۋا ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ توققۇز ئەزاسنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر