تۈركىيەدە جىددىي ھالەت بىكار قىلىندى

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 2016 – يىلى 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن، 2016 – يىلى 21 – ئىيۇلدا ئېلان قىلىنغان جىددىي ھالەت بىكار قىلىندى.

1015095
تۈركىيەدە جىددىي ھالەت بىكار قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 2016 – يىلى 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن، 2016 – يىلى 21 – ئىيۇلدا ئېلان قىلىنىپ، ھەر ئۈچ ئايدا بىر قېتىم بولۇپ جەمئىي 7 قېتىم مۇددىتى ئۇزارتىلغان جىددىي ھالەت، بۈگۈن كېچە سائەت 01:00 دە ئاخىرلاشتى.

جىددىي ھالەت جەريانىدا پەقەت فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىلا ئەمەس، پ ك ك، دائېش دېگەندەك باشقا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەشلەرمۇ داۋاملاشتۇرۇلدى. مەزكۇر كۈرەش دائىرىسىدە، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق جىددىي ھالەتنىڭ مۇددىتى 2016 – يىلى 19- ئۆكتەبىر؛ 2017 – يىلى 19 – يانۋار؛ 2017 – يىلى 19 – ئاپرېل؛ 2017 – يىلى 19 – ئىيۇل؛ 2017 – يىلى 19 – ئۆكتەبىر؛ 2018 – يىلى 19 – يانۋار ۋە ئاخىرقى قېتىم 2018 – يىلى 19 – ئاپرېلدا بولۇپ جەمئىي 7 قېتىم ئۇزارتىلدى.

ئاساسىي قانۇندا كۆرسىتىلىشىچە، جىددىي ھالەتنىڭ بەلگىلەنگەن مۇددىتى ئاخىرلىشىپ بولغۇچە قايتىدىن ئۇزارتىشنى تەلەپ قىلغان قارار لايىھەسى پارلامېنتقا تەقدىم قىلىنمىغان تەقدىردە، جىددىي ھالەت ئۆزلۈكىدىن ئاخىرلاشقان ھېسابلىنىدۇ.

تۈركىيە مىقياسىدا 2016 – يىلى 21 – ئىيۇل پەيشەنبە كۈنى سائەت 01:00 دىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولغان جىددىي ھالەت، 2018 – يىلى 19 – ئىيۇل سائەت 01:00 دە ئاخىرلاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر