ئىزمىردە نۇرغۇن چەت ئەللىك كۆچمەن قولغا چۈشتى
ئىزمىرنىڭ چەشمە ناھىيەسى ساھىللىرىدا قانۇنسىز يوللار بىلەن گىرېتسىيەگە كېتىشكە ئۇرۇنغان 57 چەت ئەللىك كۆچمەن قولغا چۈشتى.
1012377
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساھىل بىخەتەرلىك قوماندانلىق ئىشتابى ئەترەتلىرى چەشمە ناھىيەسى ئەتراپىدىكى ئۇچبۇرنۇ ساھىلىدا بىر گۇرۇپپا قانۇنسىز كۆچمەننىڭ كۆرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، سۈرىيەلىك، ئىراقلىق، پەلەسىتنلىك ۋە يەمەنلىك 57 قانۇنسىز كۆچمەننى قولغا چۈشۈردى.
ئەترەتلەر تەرىپىدىن چەشمەن ناھىيەسىگە ئېلىپ بېرىلغان كۆچمەنلەر، سالامەتلىك ئەھۋالى تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن ۋىلايەتلىك كۆچمەنلەر ئىدارىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
سۈرىيە ۋە ئىراقنىڭ شىمالىدا 17 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 17 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.