تېررورچىلارغا ئۈزلۈكسىز زەربە بېرىلمەكتە

تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئوسمانىيە، شىرناك ۋە دىياربەكىر ئەتراپىدا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھەرىكىتىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 17 تېررورىست ئۇجۇقتۇرۇلدى.

1010904
تېررورچىلارغا ئۈزلۈكسىز زەربە بېرىلمەكتە
terorist para.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيە باش ئىشتابىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئوسمانىيە، شىرناكنىڭ بەيتۇششاباب ۋە دىيارباكىرنىڭ كۇلپ ناھىيەلىرى ئەتراپىدا تېررورچىلارغا قارشى ھاۋا ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغانلىقى ۋە ھەرىكەت نەتىجىسىدە 17 تېررورچىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى. 

شىرناكنىڭ بەيتۇششاباب ناھىيەسىدە يارىدار ھالەتتە قولغا چۈشكەن تېررورچىلاردىن بىرسىنىڭ مەخپىي ئىسمىنىڭ مەھمەت گويى ۋە ئاتالمىش كەلمەھتەرتەر فىرونتى مەسئۇلى قەدىرى بايرام ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.

رايوندا تېررورچىلارغا تەۋە «M16» تىپلىق مىلتىق، ئاپتومات، يەرلىك ئۇسۇلدا ياسىۋېلىنغان پارتلاتقۇچ، 2 كىچىك كۈپ ۋە 2 سومكىدىن باشقا يەنە، نۇرغۇن ساندا تۇرمۇش بۇيۇملىرى قولغا چۈشۈرۈلدى.

بىتلىستە 28ئىيۇندىكى ھەرىكەت جەريانىدا ئۇجۇقتۇرۇلغان تېررورچىلاردىن بىرسىنىڭ قىزىل تاشلىق تۇتۇش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ ك ج ك نىڭ ئاتالمىش گارزان ئۆلكىسى مەسئۇلى سەفەر ئاجار ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىلىقىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئاجارنىڭ 1998يىلى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھەربىي ھەرىكەت جەريانىدا «Skorsky» تىپلىق ژاندارما تىك ئۇچار ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈرۈۋېتىلىشىگە ۋە 15 ئەسكەرنىڭ شېھىت بولۇشىغا سەۋەب بولغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ جاۋابكارى ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

سەفەر ئاجاردىن چىققان خاتىرىدە، «چۈشۈرۈۋېتىلگەن تىك ئۇچار ئۇچقۇچىسىنىڭ يېنىدىن ئالغان بىر پارچىدۇر. 1998يىلى 11ئاينى 27كۈنى.» دەپ يېزىلغانلىقى ۋە 1998يىلىدا تارقىتىپ بېرىلگەن 500 مىڭ لىرانى ھۇجۇمنىڭ خاتىرىسى سۈپىتىدە 20 يىلدىن بۇيان ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقى ئېنىقلاندى.  

تېررورچى سەفەر ئاجار قوراللىق تېررورلۇق تەشكلاتىغا ئەزا بولۇش، باشقىلارنى ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىش، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە بىر پۈتۈنلۈكىنى بۇزۇش، خەتەرلىك ماددىلارنى رۇخسەتسىز ساقلاش ۋە يۆتكەش، دۆلەت مۇئەسسىىسەلىرىگە زىيان سېلىش، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇش ياكى ۋەزىپىسىگە توسالغۇ بولۇشقا ئۇرۇنۇش قاتارلىق 18 خىل جىنايىتى تۈپەيلى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر