ئەردوغان ئەزەربەيجاندا زىيارەتتە بولماقتا

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، قايتىدىن سايلانغاندىن كېيىن تۇنجى بولۇپ ئەزەربەيجاندا رەسىمىي زىيارەتتە بولدى.

1009673
ئەردوغان ئەزەربەيجاندا زىيارەتتە بولماقتا
cumhurbaskani erdogan azerbaycan2.jpg
cumhurbaskani erdogan azerbaycan1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان باكۇدىكى زاگۇلبا سارىيىدا مەنسەپدېشى ئىلھام ئەلىيېۋ تەرىپىدىن رەسمىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈپ كۈتۈۋېلىندى. ئارقىدىن ئىككى لىدېرنىڭ ئايرىم ئۇچرىشىشى باشلىدى. بۇ ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئەلىيېۋ بىلەن ئەردوغان ئىككى دۆلەت ھەيئەتلەرئارا ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىدۇ.

ئەردوغان ئەلىيېۋ بىلەن ئۇچرىشىشتىن ئىلگىرى ئەزەربەيجاننىڭ مەرھۇم پىرېزىدېنتى ھەيدەر ئەلىيېۋنىڭ قەبرىسى بىلەن تۈرك ۋە ئەزەربەيجان شېھىتزارلىقىنى زىيارەت قىلدى. ئەردوغان ھەيدەر ئەلىيېۋ ۋە زەرىفە ئەلىيېۋنىڭ قەبرىسىگە گۈلچەمبىرەك قويدى.

ئەردوغان، 20 – يانۋار شېھىتلىرى يېتىۋاتقان باكۇ شېھىتلەر خىيابانىدىكى ئەبەدى ئاتەش خاتىرە تېشىغىمۇ گۈلچەمبىرەك قويدى. ئۇ يەردىن باكۇدىكى تۈرك شېھىتزارلىقىغا بېرىپ، خاتىرە تېشىغا گۈلچەمبىرەك قويدى ۋە شېھىت قەبرىلىرىنىڭ ھەر بىرىگە بىردىن گۈل قويدى.

ئەردوغاننىڭ خاتىرە سارىيىنىڭ خاتىرە دەپتىرىگە «ئېزىز شېھىتلىرىمىز! تارىخىي 24 – ئىيۇن سايلاملىرىدىن كېيىن جۇمھۇر رەئىسلىك ھۆكۈمەت تۈزۈمىنىڭ 1 – جۇمھۇر رەئىسى سۈپىتىدە مەنىۋى ھوزۇرۇڭلاردا بولغانلىقىمدىن كاتتا بەختىيارلىق ھېس قىلماقتىمەن. سىلەرنىڭ پىداكارلىقىڭلاردىن ئالغان ئىلھامغا تايىنىپ بۈگۈنگىچە بولۇپ كەلگىنىدەك، ئىنشائاللاھ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ تۈركىيە – ئەزەربەيجان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ گۈللىنىشى، ھەرساھەدە زورىيىتىشى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز. روھىڭلار شات بولسۇن!» دەپ يازدى.

ئەردوغان باكۇدىكى ئۇچرىشىشلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە ئۆتىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر