يېشىل تىزىملىكتىكى بىر تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

ئىسمى ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تېررورچىلار تىزىملىكىنىڭ يېشىل كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈلگەن «سەردار» تەخەللۇسلۇق سەركان تان بىر تەرەپ قىلىندى.

1008786
يېشىل تىزىملىكتىكى بىر تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، ئىسمى «تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تېررورچىلار» تىزىملىكىنىڭ يېشىل كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈلگەن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى تېررورچىنىڭ ئۆلۈك ھالەتتە قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، مەزكۇر تېررورچىنىڭ شىرناقنىڭ بەيتۇششەباب ناھىيەسى ئاقارسۇ يېزىسى دۈزكاۋاك رايونىدا 6 – ئىيۇلدا ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە بۇ تېررورچىنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تېررورچىلار تىزىملىكىنىڭ يېشىل كاتېگورىيەسىدە ئىسمى بار «سەردار» تەخەللۇسلۇق سەركان تان ئىكەنلىكىنىڭ ئېنىقلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، مەزكۇر تېررورچىنىڭ ئاتالمىش «بوتان ساھا ۋان ئۆلكىسى بەشلىك باشقۇرۇش مەسئۇلى» بولغانلىقى، كېيىن تەشكىلات تەرىپىدىن ئاتالمىش «ۋان ئۆلكىسى ئاممىۋى مۇناسىۋەت ۋە مالىيە تارمىقى مەسئۇللۇقى» غا تەيىنلەنگەنلىكىنىڭ ئېنىقلانغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر