«بۇ قېتىمقى سايلامدا تۈركىيەلا ئەمەس بارلىق مەزلۇملارمۇ غەلىبە قىلدى»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بالكون نۇتقىدا بۇ قېتىمقى سايلامدا تۈركىيەنىڭلا ئەمەس دۇنيادىكى بارلىق مەزلۇملارنىڭمۇ غەلىبە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

999025
«بۇ قېتىمقى سايلامدا تۈركىيەلا ئەمەس بارلىق مەزلۇملارمۇ غەلىبە قىلدى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېڭى ھۆكۈمەت تۈزۈمىنىڭ تۇنجى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، بۇ قېتىمقى سايلامدا دېموكراتىيە بىلەن مىللىي ئىرادىنىڭ ئۇتۇپ چىققانلىقىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىسلىك ۋە 27-نۆۋەتلىك پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمىدىن كېيىن ئىستانبۇلدىكى پائالىيەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ پايتەخت ئەنقەرەگە قايتىپ كەلگەن رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ مەركىزى بىناسىنىڭ بالكونىدىن خەلققە خىتاب قىلدى.

سۆزىنى «سۆيۈملۈك مىللىتىم»دەپ باشلىغان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، خەلققە سالام بەردى.

ئەنقەرە ئەسەن بوغا ئايرودۇرۇمىدىن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ بىناسىغىچە ئەردوغانغا ھەمراھ بولغان ئەنقەرەلىكلەرگە رەھمەت ئېيتقان ئەردوغان مۇنداق دېدى: «قول قوۋۇشتۇرۇپ تۈركىيەنىڭ بويسۇنۇشىنى كۈتۈپ تۇرغۇچىلارغا ئوبدان ساۋاق بەردۇق.»

ئاۋاز بەرگۈچىلەرگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان: بۇرۇن قانداق قىلغان بولساق بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مىللىتىمىزگە خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز، ئەتىدىن باشلاپلا مىللىتىمىزگە بەرگەن ۋەدىمىزنى ئورۇنداشقا ئاتلىنىپ كېتىمىز، يېڭى ھاكىمىيەت تۈزۈمى ئۈستىدىكى تەييارلىق خىزمەتلىرىمىزنى ئاساسەن تۈگىتىپ بولغانىدۇق. پارلامېنت ئېچىلىپ جۇمھۇر رەئىسلىك قەسىمىمىزنى بېرىپ بولغۇچە، بۇ خىزمەتلەرنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈپ تولۇق تاماملاپ بولىمىز. قەسەم بېرىش مۇراسىمىدىن كېيىنلا مىنىستىرلار ۋە بىيۇكراتلارنى بېكىتىپ پىلان ۋە پىروگراممىلىرىمىزنى ئىجرا قىلىشقا باشلايمىز. تۈركىيەنىڭ ھەر دائىم غەلىبە قىلىشى ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز ئىشلەيمىز، دېدى.

تۈركىيەنىڭ يەنە بىر قېتىم پۈتكۈل دۇنياغا دېموكراتىيە ساۋىقى بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن ئەردوغان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «مىللىتىمىز بۇ قېتىممۇ جېدەلنى ئەمەس خىزمەتنى تاللىدى. بۇ قېتىمقى سايلامدا دېموكراتىيەمىز، خىزمەت سىياسىتىمىز، مىللى ئىرادىمىز، تۈركىيە، تۈرك مىللىتى، رايونىمىزدىكى بارلىق مەزلۇملار، ھەتتا دۇنيادىكى پۈتكۈل مەزلۇملار غەلىبە قىلدى.»

بۇ قېتىمقى سايلامدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن فەتۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغىمۇ ئېغىر زەربە بېرىلگەنلىكىنى ئېيتقان ئەردوغان سۆزىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇردى: «سايلامدىكى نەتىجىلەر سۈرىيە زېمىنلىرىنى ئازاد قىلىش ۋە دۆلىتىمىزدە مېھمان بولۇپ تۇرۇۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىخەتەر ھالدا يۇرت-ماكانلىرىغا قايتىشلىرى ئۈچۈن داۋاملىق خىزمەت ئىشلىشىمىز كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىش بىلەن بىرگە، تۈركىيەنىڭ دۇنيانىڭ قانداق يېرىدە بولۇشتىن قەتئىينەزەر بارلىق مەزلۇملارنى يۆلەشنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنىمۇ كۆرسىتىپ بەردى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر