تۈركىيە ئافغانىستاندىكى ئۇرۇش توختىتىشتىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئافغانىستاندا ھۆكۈمەت بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدا ئېلان قىلىنغان ئۆزئارا ئۇرۇش توختىتىشتىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

994067
تۈركىيە ئافغانىستاندىكى ئۇرۇش توختىتىشتىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئافغانىستاندا ھۆكۈمەت بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش توختىتىشتىن مەمنۇن ئىكەنلىكى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا: "ئافغانىستاندا ھۆكۈمەت بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدا ئېلان قىلىنغان روزا ھېيتتا ئۆزئارا ئۇرۇش توختىتىشقا تەرەپلەرنىڭ بويسۇنغانلىقىنى مەمنۇنلۇق بىلەن كۆزىتىۋاتىمىز. ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ھۆرمەتلىك ئەشرەف غېنىنىڭ ئۇرۇش توختىتىشنى ئۆز ئالدىغا ئۇزارتقانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى قوللايمىز" دېيىلدى.

باياناتتا تۆۋەندىكى ئىبارىلەرگە ئالاھىدە ئورۇن ئاجرىتىلدى:

"ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قەدىمىگە، تالىباننىڭ ئىجابىي جاۋاب بېرىشىنى ۋە ئافغانىستاندا تىنچلىق ھەمدە مۇرەسسەنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىككە ئىگە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش ئافغانىستانغا تىنچلىق، بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىق ئېلىپ كېلىش تىرىشچانلىقلىرىنى داۋاملىق قوللايدۇ."



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر