ئەردوغان مەھەللە كومىتېت باشلىقلىرى بىلەن زوھۇرلۇق پىروگراممىسىدا كۆرۈشتى
دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەنقەرەدىكى مەھەللە كومىتېت باشلىقلىرىغا بېرىلگەن زوھۇرلۇق ززىياپىتىدە، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بېشىنىڭ ئۇۋىسىدا يەنچىلگەنلىكىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رەجەپ تاييىپ ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىنىڭ كۆرگەزمە زالىدا ئەنقەرەدىكى مەھەللە كومىتېت باشلىقلىرى بىلەن زوھۇرلۇق پىروگراممىسىدا كۆرۈشتى.
ئۇ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بېشىنى ئۇۋىلىرىدا يەنچىگەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈپ، جۇدى، گابار، تەندۈرەك ۋە بەستلەر دەرياسىدا تېررورىستلارغا زەربە بەرگەنلىكلىرىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ ئافرىن ۋە جەرابلۇستا تېررورلۇققا قارشى باشلانغان ھەربىي ھەرىكەتلەرنى خاتىرىلەتكەن ھالدا: "ھەر ئىككى تەرەپتە 4 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرلىق جايدا بىزگە مېھمان بولۇپ كەلگەن مۇساپىرلار قايتىشقا باشلىدى. ھازىر 200 مىڭغا يېقىن مۇساپىر ئۆز يۇرتلىرىغا قايتتى، ئىنشائاللاھ تېخىمۇ كۆپ مۇساپىر ئۆز يۇرتىغا قايتىدۇ" دېدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىياكوس مىتسوتاكىس ئەتە تۈركىيەگە يېتىپ كېلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە مىتسوتاكىسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.