تۈركىيەنىڭ ئىنسانسىز قۇرۇقلۇق ئاپپاراتى – ئۇكاپ ۋەزىپە ئۆتەشكە تەييار...

تۈرك مۇداپىئە سانائىتى شىركەتلىرى، مۇداپىئە سانائىتى مەسلىھەتچىلىك باشقارمىسىنىڭ كوردىناتسىيەسى ئاستىدا خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ئىشلىتىشىگە يېڭى مەھسۇلاتلارنى ياساپ بېرىشنى، ئۇلارنى ئىلغارلاشتۇرۇشنى، كۈچىگە كۈچ قوشۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

985599
تۈركىيەنىڭ ئىنسانسىز قۇرۇقلۇق ئاپپاراتى – ئۇكاپ ۋەزىپە ئۆتەشكە تەييار...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كاتمەرجىلەر شىركىتى تەرىپىدىن ياساپ چىقىلغاندىن كېيىن، ھەربىي ئېلېكترون سانائىتى شىركىتى – ئاسەلساننىڭ قورال سىستېمىسى سەپلەنگەن ئىنسانسىز قۇرۇقلۇق ئاپپاراتى – ئۇكاپ، ھەرىكەت ھالىتىدە ئوق ئېتىش سىناقلىرىدىن غەلىبىلىك ئۆتتى.

ئۇكاپ، ھەر تۈرلۈك مۇرەككەپ يەر تۈزۈلۈشىدىكى سىناقلاردىن ئۇتۇقلۇق ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن، تۇنجى ئىنسانسىز قۇرۇقلۇق ئاپپاراتى ھەربىي ھەرىكەتلەردە ۋەزىپە ئۆتىيەلەيدىغان سەۋىيەگە يەتتى.

ئاپپارات، يىراقتىن باشقۇرۇش سىستېمىسى سايىسىدا قايناق ئۇرۇش مەيدانلىرىدىمۇ ۋەزىپە ئۆتىيەلەيدۇ. ئۇ، ساقچى پونكىتلىرى ۋە شەھەر ئىچى  - سىرتىدىكى زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە قوغدىلىشىغا ھەسسە قوشىدۇ.

ئۇكاپ، خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ئىنسانسىز قۇرۇقلۇق ئاپپارات سىستىمېسىغا بولغان ئەڭ مۇھىم ئېھتىياجلىرىنىڭ بىرى قاندۇرغان بولدى.

كاتمەرجىلەر، ئۇكاپنىڭ خەلقئارا بازارلارغا تونۇتۇلۇشى ۋە بۇ ساھەدە ھەمكارلىق ئورنىتىش ئۈچۈن يولىدىمۇ خىزمەت ئىشلىمەكتە.

كاتمەرجىلەر، فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا 11 – ئىيۇندىن 15 – ئىيۇنغىچە داۋاملىشىدىغان خەلقئارا مۇداپىئە ۋە خەۋپسىزلىك يەرمەنكىسىگە ئىشتىراك قىلىپ، دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى مۇداپىئە يەرمەنكىلىرىنىڭ بىرىدە ئۇكاپنى كۆرگەزمە قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر