بەكىر بوزتاغ: ھەر قاچان ھەممە ئىش يۈز بېرىشى مۇمكىن

مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋە ھۆكۈمەت باياناتچىسى بەكىر بوزتاغ تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ قاندىل رايونىدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئۈچۈن: «ھەر قاچان ھەممە ئىش يۈز بېرىشى مۇمكىن» دېدى.

985786
بەكىر بوزتاغ: ھەر قاچان ھەممە ئىش يۈز بېرىشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن باش مىنىستىر بەكىر بوزتاغ 24-ئىيۇن ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلام يېقىنلىشىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ئاخىرقى قېتىم چاقىرىلغان مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن ئاخبارات ئېلان قىلدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى بايان قىلىپ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ كېيىنكى قەدەمدە قاندىلغا كىرىشى مۇمكىنلىكىنى: «ھەر قاچان ھەممە ئىش يۈز بېرىشى مۇمكىن» دەپ ئىپادىلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«قەيەردە تېررورىست بولسا، قەيەردە تۈركىيەگە قارشى تەھدىت بولسا، ئۇ يەر تۈركىيە ئۈچۈن نىشانغا ئايلىنىدۇ. ھەم تېررورىستلار ھەمدە ئۇ يەردىكى تېررورلۇق مەنبەلىرىنىڭ ھەممىسى تۈركىيە ئۈچۈن نىشاندۇر» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر