چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى (ئا ق ش) نىڭ سۈرىيەدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك بىلەن ھەمكارلىشىپ ھەرىكەت قىلىشىنىڭ قورقۇنچلۇق بىر خاتالىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

982960
چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئانتاليادا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىش جەريانىدا، 4 – ئىيۇندا ئا ق ش پايتەختى ۋاشىنگتونغا بارىدىغانلىقىنى خاتىرىلەتكەندىن كېيىن سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئا ق ش بىلەن، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيە قانىتى ي پ گ نىڭ چېگرايىمىزنىڭ ئۇ تەرىپىدىن چىقىرىلىشى ئۈچۈن مۇئەييەن ۋاقىتتىن بۇيان كۆرۈشىۋاتىمىز. ئاساسەن، بۇ مەسىلىنىڭ سەۋەبىمۇ بىز ئەمەس، ئىتتىپاقدىشىمىز ئا ق ش دۇر. بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ياردەم قىلدى. ئۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن سۈرىيەدە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش يولىنى تاللىدى. قورقۇنچلۇق بىر خاتالىق ئىدى. نۆۋەتتە ئا ق ش نى بۇ خاتالىقتىن قايتۇرۇشقا تىرىشىۋاتىمىز. چۈنكى، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بىر دۆلەتنىڭ، بۇنداق بىر تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشى ئۆزى بىلەن زىتلىشىش دېمەكتۇر. بولۇپمۇ بىزگە ئوخشاش بىر ئىتتىپاقداشنى ۋە مۇھىم بىر دۆلەتنى قولدىن بېرىپ قويۇش خەۋپىنىڭ بولۇشى ئا ق ش غا نىسبەتەنمۇ شۇنداقلا پۈتكۈل ئىتتىپاقداشلارغا نىسبەتەنمۇ بىر ئاجىزلىقتۇر. چۈنكى، تۈركىيە ۋەدىسىدە تۇرىدىغان، ھېچكىمنىڭ ئالدىدا خاتالىق ئۆتكۈزمىگەن، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان، ناتونىڭ ئىچىدە ئەڭ كۈچلۈك ئىككىنچى ئارمىيەسى بولغان ۋە پۈتكۈل ئورگانلاردا پائال رول ئويناۋاتقان، رايوننىڭ مۇقىملىقى، تىنچلىقى ئۈچۈن رول ئوينىغان ئىشەنچلىك بىر شېرىك. بۇنداق بىر شېرىكنى ھېچكىم قولدىن چىقىرىپ قويماسلىقى كېرەك. قولدىن چىقىرىپ قويغۇچىلارنىڭ بىزگە ئەمەس، ئۆزىگە زىيىنى بار. بىز تاللاش يولى يوق ھالەتتە ئەمەسمىز. ھېچكىمگىمۇ موھتاج ئەمەسمىز، ھېچكىمنىڭ تېڭىشلىرىغا بويۇن ئەگمەيمىز. ئەمدى بۇ مىللەت ئويغاندى. نۆۋەتتە يېڭى بىر تۈركىيە بار، ھەممە بۇنى قوبۇل قىلىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر