24 – ئىيۇن سايلىمى نېمە ئۈچۈن بۇنچە ئەھمىيەتلىك؟

ھەرھالدا 24 – ئىيۇن كۈنى ئاخىرىقى قارارنى ئەركىن ئىرادىسى بىلەن بېرىدىغانلار قانداقتۇر بەزى مېدىيا گۇرۇپپىلىرى ياكى مەنپەئەتپەرەس گۇرۇپپىلار ئەمەس دەل ئەكسىچە تۈركىيە خەلقىنىڭ ئۆزى بولغۇسى.

981664
24 – ئىيۇن سايلىمى نېمە ئۈچۈن بۇنچە ئەھمىيەتلىك؟

24ئىيۇن سايلىمى نېمە ئۈچۈن بۇنچە ئەھمىيەتلىك؟

(ئىبراھىم كالىن)

ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا 24 - ئىيۇن كۈنى ئاخىرىقى قارارنى بەرگۈچىلەر، مېدىيا شاتۇرلىرى ياكى مەنپەئەتچى گۇرۇپپىلار ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ ئەركىن ئىرادىلىرى ۋە تاللاشلىرى بويىچە تۈركىيەدىكى سايلىغۇچىلار بولىدۇ. 4 ھەپتىگىمۇ بارمىغان قىسقىغىنە ۋاقىتتىن كېيىن يەنى 24ئىيۇن كۈنى تۈركىيە سايلىغۇچىلىرى يېڭى جۇمھۇر رەئىسىنى ۋە يېڭى پارلامېنتىنى بەلگىلەش ئۈچۈن ساندۇق بېشىغا بارىدۇ. بۇ سايلىغۇچىلار تۈركىيەنىڭ پىرېزىدېنلىق سىستېمىسىغا ئۆتىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان بولغاچقا، ھەم سىياسىي، ھەم ئىقتىسادىي جەھەتىن نۇرغۇنلىغان تېمىلار مۇزاكىرە قىلىنماقتا.

ئالدىنقى يىلى خەلق رايىنى سىناشتا خەلقنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن دۆلەت سىسىتېمىمىز بىرلەشمە مەركىزىي ھاكىمىيەت سىستېمىسىنى ئاساس قىلغان پىرېزىدېىتلىق سىستېمىسىغا ئايلىنىدۇ. فېدېراتسىيە قۇرۇلمىسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكدىكى پىرزېدېتلىق سىستېمىسىدىن پەرقلىق بولىدۇ. فىرانسىيەنىڭ پىرېزىدېنتلىق سىستېمىسىغا بەكرەك ئوخشىشىپ كېتىدۇ. بىراق باش مىنىستىرلىق بولمايدۇ. مانا بۇ جەھەتتىن فىرنسىيەدىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.

بۇ يېڭى سىستېما قانۇن چىقىرىش، ئىجرا قىلىش ۋە سوت ئورگانلىرى ئوتتۇرىسىدىكى كۈچ مۇستەقىللىقىنى تەكىتلەيدۇ. پارلامېنت قانۇن چىقىرىدۇ، ھۆكۈمەت تەكشۈرىدۇ. پىرېزىدېنت كابېنت ئۈستىدە تولۇق ھوقۇققا ئىگە بولىدۇ ۋە خەلققە جاۋابكار بولىدۇ. سوت مۇستەقىل ۋە بىتەرەپ بولىدۇ. بۇ سىستېما تۈركىيەنىڭ مۇقىملىقىنى قۇدرەتسىز بىرلەشمە ھۆكىمىيەتلەردىن قوغدايدىغان بولىدۇ.

پىرېزىدېنتلىق ئۈچۈن نۇرغۇن نامزاتلار رىقابەتكە چۈشتى. قەتئىي ھەيران قالغۇسىز بىر شەكىلدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۇ سايلام رىقابىتىنىڭمۇ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرۇپ كەلمەكتە. رەقىبلىرى بىلەن ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەۋقۇلئاددە چوڭ پەرق ساقلانماقتا. ئەردوغاننىڭ سايلامنىڭ بىرىنچى ھالقىسىدىلا ئۇتۇپ چىقىدىغانلىقى ئېنىق. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تۈركىيە خەلقى ئىچىدىكى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ياخشى كۆرۈلىشىگە نەزەر سالغاندىمۇ ئەردوغان 16 يىللىق كاتتا خىزمەت ئۆتمۈشى ۋە ئىجتىمائىي سىياسەت جەھەتتە ياراتقان ئۆزگىرىشلىرى ئارقىلىق ھەممىدىن بەك ئىشەنچكە ئىگە رەھبەر بولۇش سالاھىيىتىنى ھېلىھەممۇ داۋاملاشتۇرماقتا. بۇ ئىشەنچ ئەردوغاننىڭ كۆرسەتكەن خىزمەت ئۆتمۈشىنى مەنبە قىلىدۇ.

دەرۋەقە ئەردوغان باشقا نۇرغۇنلىغان خىزمەتلىرى بىلەن بىرلىكتە، تۈركىيەنىڭ جان تالىشىۋاتقان ئىقتىسادىنى قايتىدىن جانلاندۇردى. تۈركىيەنىڭ دۆلەت ئومۇمىي كىرىمىنى 3 ھەسسە يۇقىرى كۆتەردى. تۈركىيەنى دۇنياغا بازىرىغا ئاچتى. ئونلىغان يېڭى ئۇنىۋېرسىتېتلارنى ۋە تەتقىقات مەركەزلىرىنى قۇردى. ھەربىي ھاكىمىي مۇتلەقلىققە خاتىمە بەردى. كوردلار، ئەلىۋىيلەر، ئەرمەنلەر ۋە ئۆتمۈشتە بېسىم كۆرگەن، چەتكە قېقىلىغان گۇرۇپپىلارنى ھەق ھوقۇقلىرىغا ئىگە قىلدى.  2007يىلى ۋە 2010 يىللىرىدىكى ھەربىي شۇنداقلا سوت ئورگانلىرىنىڭ دۆلەتتە سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىشىغا يول قويمىدى. ئاندىن 2016 - يىلى 15 - ئىيۇلدا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى «FETÖ» نىڭ ھەربىي -سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەركىتىنى توسۇپ قالدى.

ئايرىمچىلىق قىلماستىن خىزمەت سۇنۇش ۋە ئىنسانلارنىڭ كىملىكلىرىنى شۇنداقلا كۈلتۈر ۋە ئەنئەنىلىرىنى ئېتىراپ قىلىش ئەردوغاننىڭ سىياسىي پەلسەپىسىنىڭ تۈپ ئاساسى بولدى. بۇنىڭ نامايەندىسى يېڭى سايلام سەپەرۋەرلىكىدىمۇ ئۆزىنى كۆرسەتمەكتە. ئەردوغان دەل مۇشۇ نۇقتىدىن رەقىبلىرىدىن ئۈتسۈن تۇرۇپ كەلمەكتە. مەركەزىي ئوڭچى بىر پارتىيەنىڭ رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇلى تار ئىرقىۋازلىق، رايون خاراكتېرلىق ياكى ئىدىئولگىيەلىك ئايرىمچىلىق پاتقاقلىرىغا پېتىپ قالماستىن، خەلقنىڭ بارلىق گۇرۇپپىلىرىنى تەڭ باغرىغا بېسىشنى نىشان قىلىپ يول يۈرمەكتە. سىياسەتنىڭ تەقەززاسى سۈپىتىدە ھەممەيلەننىڭ ئەردوغاننىڭ سىياسەتلىرىدىن مەمنۇن بولۇپ كېتىشى ناتايىن. لېكىن ئەردوغاننىڭ جەزىبدارلىقى ئاشكارا ھالدا ئىجتىمائىي، سىياسىي ھەر جەھەتتىن كەڭ يېيىلىغان ئەھۋالدا تۇرماقتا.

ئۆكتىچى رەقىبلىرى بولسا، سايلام سەپەرۋەرلىك ئىستراتېگىيەسىنى ئەردوغانغا قارشى چىقىشنى ئاساس قىلغان ھالدا ئېلىپ بارماقتا. ئۇتۇققا ئىرىشىش ئۈچۈن ئېيتىلغان ھەممىلا نەرسىنى رەت قىلىپ، ئەردوغانغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ھەممىلا نەرسىگە قارشى مەيداندا تۇرۇش ئۇلارنىڭ تۈپ پىرىنسىپى بولۇپ كەلمەكتە. بۇنداق قىلىش ئۆتمۈشتە ھېچ نەرسىگە يىرىمىغانغا ئوخشاش 24ئىيۇندىمۇ ھېچ نەرسىگە يارىمايدۇ. تۈركىيە خەلقى قۇرۇق گەپ بىلەن ھەقىقەتنى ئايرىيالىغۇدەك بىلىم ۋە پاراسەتكە ئىگىدۇر. ئۆكتىچىلەرنىڭ ئازگىشچان پىگۇرى ۋە ئەرزان سىياسىي نۇمۇرلار ئۈچۈن ئەقىلغىمۇ سىغمىغۇدەك يوغان گەپلەرنى قىلىپ يۈرگەنلىكىنى، ئەمەلىيىتى يوق، قۇرۇق ۋەەدىلەردە بولۇپ يۈرىۋاتقانقىلىقىنى خەلق كۆرۈپ تۇرىۋاتىدۇ. شۇڭا سايلىغۇچىلار بۇنداق قۇرۇق ۋەدە قەسەملەرگە بىر قەدەممۇ يېقىن كېلەي دېمەيدۇ. چۈنكى تەكتىدىكى ئويۇنلارنى پىششىق بىلىدۇ.

غەرب مېدىيالىرىنىڭ ئاساسلىق كۆپ سانلىقى تۈركىيەدىكى بارلىق سايلاملاردا دېگۈدەك كۆرەلمەي كېلىۋاتقان مۇھىم نۇقتىلاردىن بىرسى دەل مۇشۇ. ئۇلار پات يېقىندا ئەردوغاننىڭ سايلامدا يېڭىلىپ قالىدىغانلىقىنى ئالدىن مۆلچەرلەشمەكتە. بىراق ئەردوغانمۇ ئىزچىل ھالدا غەلىبە قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئۆكتىچى شەخسلەرنى يېڭى باشقىچە يۈزلەر بىلەن پارلىتىپ ئىلگىرى سۈرىشىۋاتقان بولسىمۇ، تۈركىيە خەلقىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي دىنامنىكلىرىنى چۈشۈنۈشتە مەغلۇبىيەتكە ئۇچراشماقتا. ئۇلار ئىسىسناسىز بىر شەكىلدە تۈركىيەنىڭ بۇرمىلانغان تەسۋىرىنى ئوقۇرمەنلىرىگە سۇنۇپ، ئۇلارنى خاتا ئۇقۇمغا باشلىماقتا. شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ تۈركىيەدىكى سايلاملارغا ئالاقىدار ئالدىن بەرگەن باھالىرى خاتا بولۇپ چىقماقتا. ئەردوغان ياراتقان كەڭ خەلقنىڭ قوللىشىنى ئاساس قىلغان كاتتا ئېقىمنى پەردىلەپ، بىر ئۇچۇم يات ئېقىملارنى گويا ئاساسلىق ئېقىمدەك كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇشماقتا. بۇ ماھىيەتتە ئاخباراتچىلىققا ئېغىر زىيان يەتكۈزمەكتە. ئەردوغانغا قارشى ھەممە نەرسىنى قوبۇل قىلارلىق دەپ سۇنۇش، ئەسلىدە ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلارلىق ئاخباراتچىلىق ئەمەس. بەلكى دەل سىياىسي پائالىيەتچىلىكتۇر. ئەردوغان بۇ خىل قارالاش سەپەرۋەرلىكىنى كۆپ كۆرۈپ، كۆنۈپ كەتكەن بولغاچقا بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا بۇلارغا تولىمۇ ئاسان بىر شەكىلدە تاقابىل تۇرۈپ كەلمەكتە.

بەزى ئانالىزچىلار ئەردوغاننىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك ئۇسۇلىنى ۋە سىياسىي ئۈستۈنلىكىنى (ھاكىمى مۆتلەقلىق) دەپ بۇرمىلاپ ئاڭلىتىشقا تىرىشىشى مۇمكىن. بىراق بۇ خىل ئەرزان تەتۈر تەشۋىقات ئۇسۇللىرى ھېچ نەرسىگە يارىمايدىغانلىقى ئېنىق. چۈنكى ئادەتتىكى پۇقرالارمۇ ئەردوغاننىڭ ۋەتەن، خەلقى ئۈچۈن قانداق خىزمەتلەرنى قىلغانلىقىنى ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ.

ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە مۇھىت ئاسراش سەگۈرلۈكى ئۈستۈن غەربلىك ئاخبارتچىلارنىڭ جۇمھۇر رەئىس ئەروغاننىڭ (مىللەت باغچىلىرى) دەپ نام بەرگەن 30 ئوتتۇرا چوڭلۇقتىكى ۋە 5 پەۋقۇلئاددە چوڭلۇقتىكى شەھەرلەشكەن باغچىلارنى قۇرىدغانلىقىغا دائىر بەرگەن سايلام ۋەدىسىگە زادى قانداق ئىنكاس قايتۇرىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتمەكتىمەن. بۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرىلىغىچەئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان يېڭى ئايرودۇرۇمدىن كېيىن، پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈپ قالىدىغان ئىستانبۇلدىكى ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمىنىڭمۇ بىر شەھەر باغچىسىغا ئايلاندۇرۇلىشىغا دائىر ۋەدە بېرىلدى. 11 مىڭ 700 كىۋادىرات مېتىر يەر كۆلىمىگە ئىگە بۇ يېڭى باغچا نىيۇيوركتىكى مەركىزىي باغچىدىن 3 ھەسسە ۋە لوندوندىكى ھايدى باغچىسىدىن 8 ھەسسە چوڭ بولىدۇ. بۇ شۈبھىسىزكى تۈركىيە تارىخىنىڭ ئەڭ چوڭ شەھەرلىشىش لايىھەسىدۇر. پەھمىمچە غەرب مېدىياسى يبۇ ئىلگىرىلەشلەرگىمۇ خاتا باھالارنى بېرىپ، كۆرمەسكە سېلىشى تۇغانلا گەپ. بىز ئالدىمكىزدىكى 4 ھەپتە بويىچە سىياسىي پائللىيەتچىلىقنىڭ ئاخباراتچىلىق تونىغا ئورنىۋىلىپ، ئوتتۇرغا قويىدىغان پوىتىسيەلىرىنىڭ تەكرارىنى كۆرىمىز.

ئاتالمىش تۈركىيە مۇتەخەسىسىلىرى ئەردوغانغا ھۇجۇم قىلىپ، رەقىبلىرىنى ئالدىنقى پىلانغا چىقىرىشقا تىرىشىدۇ. شۇنداق قىلغان تەقدىردىمۇ، بىر قېتىم بولسىمۇ بۇ تەتۈر تەشۋىقاتلىرىنى ئىشەنگۈدەك، دۇرۇس بىر شەكىلدە، توغرىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق قىلىپ باقسىكەن كاشكى.

شۇنىسى ئېنىقكى، تۈركىيە ئىقتىسادىي ھەققىدە قىيامەت سىنارىيولىرىنى يېزىش، پ ك ك تېرروچىلىرنى ئۇلۇغلاش، فەتھۇللاھچى تېررولۇق تەشكىلاتىنى سۆيۈملۈك كۆرسىتىش ۋە ئەردوغاننىڭ باش دۈشمەنلىرىنىڭ ئاساسسىز سۆز چۆچەكلىرىگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىش قاتارلىق تاكتىكىلىرى تۈركىيەدىكى سايلىغۇچىلارنىڭ 24ئىيۇندا ئەردوغانغا بېلەت تاشلىشىنى توسۇپ قالالمايدۇ. بۇ پەقەت تۈركىيەنىڭ غەرب مېدىيالىرىدا ئورۇن ئالغاندا، ئاخباراتچىلىقنىڭ ۋە سىياسىي مۇلاھىزىچىلىكنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەملىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ - خالاس.

24ئىيۇندىكى سايلام يالغۇز تۈركىيە ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئوتتۇرا شەرق، ياۋروپا ۋە ئامېرىكا ئۈچۈنمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، تۈركىيەنىڭ سىياىسي مۇقىملىقىنى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ۋە كەڭ دائىرىلىك بىخەتەرىلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نۇقتىسىدىن تولىمۇ مۇھىم بىر سايلام. تۈركىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭ قودرىتى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئىتتىپاقداشلىرنىڭمۇ كۈچ - قۇدىرتىنىڭ نامايەندىسى ھېسابلىنىدۇ. بىراق تۈركىيە دۇچ كېلىۋاتقان خەۋپلەر شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىتتىپاقداشلىرى تەرىپىدىنمۇ خەۋپ قاتارىدا كۆرۈلىشى لازىم. 

ھەرھالدا 24ئىيۇن كۈنى ئاخىرىقى قارارنى ئەركىن ئىرادىسى بىلەن بېرىدىغانلار قانداقتۇر بەزى مېدىيا گۇرۇپپىلىرى ياكى مەنپەئەتپەرەس گۇرۇپپىلار ئەمەس دەل ئەكسىچە تۈركىيە خەلقىنىڭ ئۆزى بولغۇسى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر