جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ب د ت باش كاتىپى بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

974599
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ب د ت باش كاتىپى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن باش كاتىپ گۇتېررېسنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، پەلەستىن ۋە سۈرىيە مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان.

تېلېفون سۆھبىتىدە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ باش ئەلچىخانىسىنى قانۇنسىز ھالدا تېل ئاۋىۋدىن قۇددۇسقا يۆتكەش ئارقىلىق ھەم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قارارلىرىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ھەم خەلقئارالىق تىنچلىقنى خەۋپكە دۇچار قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ۋەھشىيلىكىگە خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ تېخىمۇ قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈشى لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن باش كاتىپ گۇتېررېس، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلەپ، غەززەدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى تەكشۈرۈشى ئۈچۈن مۇستەقىل بىر تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇش قانۇن تەكلىپىنى تەستىقلىشىنىمۇ ئىجابىي ئۆزگىرىش دەپ ئاتىغان.

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تۈنۈگۈن ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر پەۋقۇلئاددە يىغىنى توغرىلىقمۇ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن باش كاتىپ گۇتېررېس، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىدىمۇ قۇددۇس مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئۆزگىرىشلەرنى داۋاملىق كۆزىتىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەشكەن.

پەلەسىتنلىكلەرنىڭ دەرد – ئەلەملىرىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئېيتقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس، تۈركىيەنىڭ سۈرىيە كىرىزىسىنى سىياسىي يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىش مەقسىتىدە جەنۋە ھەم ئاستانا باسقۇچلىرىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىغا يۇقىرى باھا بېرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر