تۈركىيە ئارمىيەسى شىمالىي ئىراققا ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى
تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىشانلىرىغا قارىتا ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا تېررورچىلارنىڭ نىشانلىرىدىن 12 سى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلدى.
973885
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش ئىشتاب باشقارمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا، مەتىنا، سىناھ – ھافتانىن ۋە ھاقۇرق رايونلىرىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئائىت نىشانلارنى بومباردىمان قىلغان. بومباردىمانلاردا تېررورچىلارنىڭ پاناھ جاي، ئىستېھكام ۋە قورال - ياراغ ئىسكىلاتى سۈپىتىدە ئىشلەتكەن نىشانلىرىدىن 12 سى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلگەن.